چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش خامان تېپىش—دېھقانچىلىق ئەمگىكىنىڭ ئەڭ جىددىي ۋە ئەڭ ئۈمىدلىك مەزگىلى بولغاچقا، دېھقانلار خاماننىڭ مول ھوسۇللۇق بولۇشىنى تىلەپ ھەر خىل ئېرەملىك ئادەتلەرگە ئەمەل قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق ئېرەملىك ئادەتلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خامان قاتقاندا ئېيتىدىغان «خامان ناخشىسى» دىن ئىبارەت. «خامان ناخشىسى» نى ھەممە دېھقان ئېيتمايدۇ ۋە ئېيتالمايدۇ. يۇرت ۋە مەھەللە ئىچىدە «خامان ناخشىسى» نى ئېيتىدىغان بىرنەچچە تەجرىبىلىك پېشقەدەم دېھقانلار بولۇپ ئۇلار تەكلىپ بىلەن ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇرت-مەھەللىدىكى خامانلىقلارنى ئارىلاپ قەرەللىك ھالدا «خامان ناخشىسى» نى ئېيتىش بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلانغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :خامان ناخشىسى

خەنزۇچە نامى :用谷歌

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خامان ناخشىسى ئادىتى

6پارچەئۇيغۇرلاردىكى بۇغداي يىغىش«خامان ناخشىسى» ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «لاي-لاي» دېگەن مەخسۇس نام بىلەن ئاتالغان. «لاي-لايچىلار» ئادەتتە ئوڭ دولىسىغا ئارىنى ئېلىپ، قولى بىلەن سول قۇلىقىنى تۇتۇپ، خامانغا قاتقان ئات-ئۇلاغلارنىڭ مومىنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىشقا ئەگىشىپ، مەھەللە-كويغا ئاڭلانغۇدەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «لاي-لاي» سالىدۇ. «لاي-لاي» ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتىپ، دىققەت بىلەن تىڭشايدۇ. دېھقانلار ئارىسىدا «لاي-لايچىلار» يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە. دېھقانلارنىڭ قارىشىچە، «لاي-لاي» سېلىنمىغان خاماندا بەرىكەت بولمايدۇ. «لاي-لاي» جىن-شەيتانلارنى قوغلاپ، ئەرۋاھلارنى خامانغا چاقىرىش ئۈچۈنمىش. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏