چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گۆش، كاۋاپ، ھالۋا قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك تائاملارنى كۆپ يېيىش، ھەرخىل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆز ئېقى قىزىرىش، يۈزى قىزىرىپ، كۆپ ئەسنەش، گال، ئېغىز ۋە چىش مىلىكلىرىگە قاپارتچۇق لار چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :قاندىن بولغان باش ئاغرىقى

ئاساسلىق ئالامىتى :كۆز ئېقى قىزىرىش،كۆپ ئەسنەش

كېسەللىك سەۋەبى :ئىسسىق تەبىئەتلىك تائاملارنى كۆپ يېيىش

خەنزۇچە نامى :血管性头痛

كېسەللىك ئورنى :باش

كېسەللىك ھەققىدە

3پارچەقاندىن بولغان باش ئاغرىقىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، گۆش، كاۋاپ، ھالۋا قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك تائاملارنى كۆپ يېيىش، ھەرخىل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: بۇ باش لوقۇلداپ ئاغرىش ھەمدە بەدەن ئېغىر بولۇش، كۆز ئېقى قىزىرىش، تومۇرى ناھايىتى توم، قاتتىق ئۇرۇش، يۈزى قىزىرىپ، كۆپ ئەسنەش، بەزىلەرنىڭ كالپۇك، گال، ئېغىز ۋە چىش مىلىكلىرىگە قاپارتچۇق لار چىقىش، كانىيى يىرىك بىلىنىپ، گېلى ئاغرىش، ئاۋازى بۇزۇلۇش، سۈيدۈكى قىزىل ھەم قويۇق كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏