كېرەكلىك ماتېرىياللار

11پارچەماتېرىياللارقوي گۆشى 280 گرام، سامساق تۆت چىش، تۇخۇم ئىككى دانە، كاۋاۋىچىن ئازراق، ھۆل خۇاڭخۇا سەي ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، ھۆل مور تۆت قۇلاق، جاڭيۇ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، سۇ يېغى 500 گرام(خورايدىغىنى 70 گرام) ، سۇڭپىياز ئىككى تال، ئاچچىقسۇ ئازراق.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. گۆشنى ۋە سۇڭپىيازنىڭ ئاق يېرىنى گۆش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا سوققان كاۋاۋىچىن، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، يۇمشاق قىيام تەييارلىنىدۇ. بىر تال سۇڭپىياز قىيپاش توغراپ قويۇلىدۇ.

2. تۇخۇمنى چېقىپ ئىككى دانە تۇخۇم پوشكىلى چىقىرىپ، ھەر بىر پوشكالنىڭ يۈزىگە چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى سۈرتۈپ تەييارلانغان قىيمىنى تەكشى يېيىتىپ، پوشكالنى ئوتتۇرا قولدەك توملۇقتا تۈرۈپ، ئۈچ سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا قىيپاش توغراپ قويۇلىدۇ، شەكلى خۇددى توخۇنىڭ بوينىغا ئوخشايدۇ.

3. قازانغا سۇ يېغى قۇيۇپ، ئالتىنچى دەرىجە ئوتتا قىزىتىپ، توخۇ بوينى شەكلىدە توغرالغان تۈرۈلمىنى سېلىپ پىشۇرۇپ، لەيلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىپ، رەتلىك قىلىپ تەخسىگە تىزىپ قويۇلىدۇ.

4. قازانغا 15 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، خۇاڭخۇا سەي، مور، سامساقنى سېلىپ قورۇپ، ئۇنىڭغا تۇز، تېتىتقۇ، جاڭيۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ، ئاندىن شورپىنى قۇيۇپ قاينىتىپ، ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەخسىگە تىزىلغان توخۇ بوينى بەلىشنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏