چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش داغلىما پۇرچاق ئۈندۈرمىسى كۆك ماش ئۈندۈرمىسى ، تېتىتقۇ ، كۆك، قىزىل لازا ، تۇز ، سۇ يېغى ، زەنجىۋىل ، سوڭپىياز ، سامساق، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىپ ياغ بىلەن داغلاپ تەييارلىنىدىغان سەي .

كېرەكلىك ماتېرىياللار

11پارچەئاساسلىق ماتېرىياللاركۆك ماش ئۈندۈرمىسى 100 گرام، تېتىتقۇ ئازىراق، كۆك، قىزىل لازا بىر تالدىن، تۇز مۇۋاپىق، سۇ يېغى 50 گرام، زەنجىۋىل ئازىراق، سوڭپىياز بىر تال، سامساق بىر باش، ئاچچىقسۇ ئازىراق.

تەييارلاش ئۇسۇلى

1. كۆك ماش ئۈندۈرمىسى پاكىزە يۇيۇپ تازىلاپ، قايناقسۇغا بىسىۋېتىپ، سوغۇق سۇ بىلەن چايقاپ سۇۋۇتىلىدۇ.

2. كۆك، قىزىل لازىلارنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىزە يۇيۇپ ئىنچىكە توغراپ، ئۈندۈرمىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.

3. سوڭپىياز، سامساق، زەنجىۋىللەرنى يۇمشاق چاناپ ئۇنىڭغا تۇز، ئاچچىقسۇ تېتىتقۇ قوشۇپ تەكشى قوچۇپ، 8-7 دەرىجە قىزىقلىقتىكى ياغ بىلەن داغلاپ، تەخسىدىكى سەينىڭ ئۈستىگە سېپىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏