چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دۈملىمە گۆش بولسا قوينىڭ قوۋۇرغىسى ، قىزىل لازا ، سۇڭپىياز ، پۇرچاق ئۇنى ، قارىمۇچ ، پىياز ، سۇ يېغى ، سامساق ، تۇز قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ياخشى .

لازىملىق ماتىرياللار 

9پارچەلازىملىق ماتىرياللارقوينىڭ قوۋۇرغىسى بىر كىلوگرام، قىزىل لازا بىر شوخ، سۇڭپىياز ئىككى تال، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، قارىمۇچ ئازراق، پىياز ئىككى باش، سۇ يېغى ئازراق، سامساق بىر باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 

تەييارلاش ئۇسۇلى 

1. بىر كىلوگرام قوۋۇرغا گۆشنى ئون پارچە قىلىپ قايناق سۇغا سېلىپ، يېرىم پىشۇرۇپ ئالىمىز؛ سامساق، سۇڭپىياز، قىزىل لازىلار ئىنچىكە توغرىلىدۇ. 

2. يېرىم پىشۇرۇلغان گۆشكە تۇز، پىياز، سوققان قارىمۇچ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تەخسىگە ئېلىپ، تولۇق پىشقىچە قاسقاندا دۈملىنىدۇ. 

3. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، قىزىل لازا سېلىپ قورۇپ، ئازراق قايناق سۇ قۇيۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلاپ، دۈملەنگەن گۆشنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏