چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چوماق توپ ئويۇنى-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن قىزىقارلىق، ھەرىكەتچانلىقى يۇقىرى، رىقابەتچىلىك كۈچلۈك بولغان مۇسابىقە خاراكتېرىدىكى ھەرىكەت.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :چوماق توپ ئويۇنى

خەنزۇچە ئىسمى :曲棍球游戏

چوماق توپ ئويۇنى ھەققىدە 

چوماق توپ ئويۇنى-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن قىزىقارلىق، ھەرىكەتچانلىقى يۇقىرى، رىقابەتچىلىك كۈچلۈك بولغان مۇسابىقە خاراكتېرىدىكى ھەرىكەت. بۇ ھەرىكەت مۇرەككەپ مەيدان ۋە ئۈسكۈنە تەلەپ قىلمايدۇ. 

چوماق توپ ئويۇنى (ياپوز) كۆپىنچە دېھقانىچلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدا ئوينىلىدۇ. ئازادلىقتىن بۇرۇن بۇ ھەرىكەتنىڭ مەيدان ئۆلچىمى يوق ئىدى. بىرەر تۈزلەڭلىك ياكى ئېتىزلىقلار مەيدان قىلىناتتى. مەيداننىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ئوينالماقچى بولغان مەيداننىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلەتتى، ئادەم سانى چەكلەنمەيتتى. ياپوز ئوينىغۇچىلار شۇ مەيداننىڭ ئەھۋالىغا قاراپ توغرا سىزىقىغا ئىككى تۇماق ياكى چاپاننى قاپقا قىلىپ ئوينايتتى. ئازادلىقتىن كېيىن، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ھەرىكەت بىر قەدەر قائىدىگە چۈشۈرۈلدى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏