چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1786-يىل8-ئاينىڭ8-كۈنى فرانسىيە دوختۇرى باكارۇ بىلەن تاشچى بارما ھەمكارلىشىپ تۇنجى قېتىم دېڭىز يۈزىدىن4807 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالپىس تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا چىققان. كېيىنكىلەر بۇ يىلنى ھازىرقى زامان تاغقا چىقىش ھەرىكىتىنىڭ تۇغۇلغان يىلى، دەپ قارىغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تاغقا چىقىش

خەنزۇچە نامى :登山

تەرەققىيات جەريانى

11پارچەتاغقا چىقىشتاغقا چىقىش ھەرىكىتى مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۈچ تەرەققىيات دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. 1786-يىلىدىن1865-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، بىرمۇنچە دۆلەتلەرنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ئارقىمۇئارقا ئالپىس تاغلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن3000 −4000 مېتىر ئېگىز چوققىلىرىغا چىققان. بۇ مەزگىل «ئالپىسنىڭ ئالتۇن دەۋرى» دەپ ئاتالغان. 19-ئەسىرنىڭ80-يىللىرىدىن كېيىن تاغقا چىقىش نىشانى تەدرىجىي ھالدا ئالپىس تاغلىرىدىنمۇ ئېگىز، تېخىمۇ خەتەرلىك ھىمالايا تاغلىرىغا يۆتكەلگەن. 1950-يىلىدىن1964-يىلىغىچە دۇنيادىكى8000 مېتىردىن ئېگىز14 چوققىغا(دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چومولاڭما چوققىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) جۇڭگو، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن چىقىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرغان. بۇ مەزگىل «ھىمالايانىڭ ئالتۇن دەۋرى» دەپ ئاتالغان. 1964-يىلىدىن كېيىن تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىلىرى ھېچكىم يۈرۈپ باقمىغان خەتەرلىك يوللار بىلەن7000 −8000 مېتىردىن ئېگىز چوققىلارغا يۈرۈش قىلغان. 1978-يىلى5-ئايدا ئىتالىيە تاغقا چىقىش ماھىرى رېينخولت مىسنار بىلەن پېت خارلى ئوكسىگېن ئىشلەتمەي چومولاڭما چوققىسىغا چىقىش نەمۇنىسىنى ياراتقان. 1988-يىلى5-ئايدا جۇڭگو، ياپونىيە، نېپال ئۈچ دۆلەتنىڭ تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىلىرى بىرلەشمە تاغقا چىقىش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، جەنۇب، شىمال ئىككى تەرەپىدىن چومولاڭما چوققىسىغا ئوڭۇشلۇق چىقىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققىغا قوش يۆنىلىشتە چىقىشتەك ئىنسانلارنىڭ تاغقا چىقىش تارىخىدىكى بىر مۆجىزىنى ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ مەزگىل «تاغقا چىقىشتا چەكلەنگەن رايونلارغا ئۈزلۈكسىز بۆسۈپ كىرىلگەن يېڭى دەۋر» دەپ ئاتالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏