چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پىسخولوگىيە بولسا ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىلىق ھادىسىلىرىنى، روھىي فۇنكىسسىيەسىنى ۋە قىلمىشلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. پىسخولوگىيە ئىلمى ئاساسىي پىسخولوگىيە ۋە ئەمەلىي پىسخولوگىيە دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

پەن نامى :پىسخولوگىيە

خەنزۇچە نامى :心理学

تەتقىقات نىشانى :پىسخىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشى،تەرەققىياتى ۋە قانۇنىيىتى

ئىنگىلىزچە نامى :Psychology

قىسقىچە مەزمۇنى

پىسخولوگىيەپىسخولوگىيە بولسا ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىلىق ھادىسىلىرىنى، روھىي فۇنكىسسىيەنى ۋە قىلمىشلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ ھەم نەزىيىۋى پەن ھەم ئىشلىتىلىشچان پەن بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئايرىم پەن بولۇپ شەكىللەنگەن. پىسخولوگىيەنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئاڭ، چۈشەنچە، كەيپىيات، خاراكتىر، قىلمىش ۋە ئىجتىمائى مۇناسىۋەت قاتارلىقلار كۆپلىگەن دائىرىلەرگە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئائىلە، ساغلاملىق، تەربىيە قاتارلىق جەھەتلەرگىمۇ چېتىلىدۇ. پىسخولوگىيە ئىلمى يەنە نېرۋا ئىلمى، مېدىتسىنا، بىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏