چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
شاھگۈل يەنە چوڭ گۈللۈك ئوت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گۈل ھېسابلىنىدۇ. ھىندونېزىيىنىڭ جاۋا ۋە سۇماترا قاتارلىق جايلىرىدىكى تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ئۆسىدۇ، قىياپىتى ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، ھەم يىلتىزى يوق، ھەم غولى يوق، يوپۇرمىقى تېخىمۇ يوق، ئۆسۈملۈككە زادىلا ئوخشىمايدۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسمى :شاھگۈل
ئېنگىلىزچە ئىسمى :Rafflesia、Corpse Flower
خەنزۇچە ئىسمى :大王花
تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈركۈمى :راففىلىزىيە گۈلى تۈركىمى
ئائىلىسى :راففىلىزىيە گۈلى ئائىلىسى
ئۇرۇقداشلىرى :شاھگۈل ئۇرۇقدىشى
باشقا ئىسمى :大花草、腐尸花、食人花
3پارچەشاھگۈلشاھگۈل يەنە چوڭ گۈللۈك ئوت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گۈل ھېسابلىنىدۇ. ھىندونېزىيىنىڭ جاۋا ۋە سۇماترا قاتارلىق جايلىرىدىكى تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ئۆسىدۇ، قىياپىتى ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، ھەم يىلتىزى يوق، ھەم غولى يوق، يوپۇرمىقى تېخىمۇ يوق، ئۆسۈملۈككە زادىلا ئوخشىمايدۇ. گۈللەر ئىچىدىكى «گىگانت» بولغاچقا، ئادەتتە شاھگۈل دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ھاياتى پارازىت ياشاش بىلەن ئۆتىدۇ. بىردىنبىر بار بولغان بىر تال گۈل ساپىقى ئارقىلىق ئاق توزغاقلىق ياۋا ئۈزۈمنىڭ يىلتىزسىمان غولىغا يېپىشىۋېلىپ، شۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ ئۆزىنى باقىدۇ.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى