چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كامفورا دەرىخى يەنە خۇش پۇراقلىق كامفورا دەرىخى، قارا كامفورا دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كامفورا ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ، ئېگىزلىكى 40 −50 مېتىرغا يېتىدۇ. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :كامفورا دەرىخى

خەنزۇچە ئىسمى :香樟树

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈلۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :كامفورا تۈركىمى

ئائىلىسى :كامفورا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :كامفورا ئۇرۇقدېشى

سىرتقى شەكلى 

5پارچەكامفورا دەرىخىكامفورا دەرىخى يەنە خۇش پۇراقلىق كامفورا دەرىخى، قارا كامفورا دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كامفورا ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ، ئېگىزلىكى 40 −50 مېتىرغا يېتىدۇ. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. تېرە ماددىلىق، تۇخۇم شەكىللىك، يۈزى قېنىق يېشىل، پارقىراق، دۈمبە تەرىپى كۆكۈچ ئاق رەڭلىك، كۈز كەلگەندە ئوچۇق قىزىل ياكى سارغۇچ قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىپ، كىشىنى ھەۋەسلەندۈرگۈدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. باش يازدا چېچەكلەيدۇ. گۈلى سارغۇچ يېشىل رەڭلىك ئۇششاق گۈل بولۇپ، كونۇسسىمان گۈل رېتى شار شەكىللىك مېۋىلەيدۇ؛ قارامتۇل بىنەپشە رەڭلىك مېۋىسى ئاۋغۇست − نويابىر ئايلىرىدا پىشىدۇ. 

كامفورا دەرىخىنىڭ شاخ، يوپۇرماقلىرى ئىرغاڭلاپ، سايىسى يەرنى قاپلاپ تۇرىدۇ، دەرەخ قىياپىتى ھەيۋەتلىك-كۆركەم بولۇپ، باغ-ئورمان، ئىھاتە ئورمانلىقى بىنا قىلىشنىڭ تازا لايىق دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏