چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئارۇبا ئارىلى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى كارايىپ دېڭىزىغا جايلاشقان ئارال. مەيدانى 179 كۋادرات كىلومېتر، ئۇزۇنلۇقى 31 كىلومېتر، كەڭلىكى 8 كىلومېتر كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئارۇبا ئارىلى

خەنزۇچە نامى :阿鲁巴

تەۋە قىتئە :شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى

ئارۇبا ئارىلى ھەققىدە 

جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى كارايىپ دېڭىزىغا جايلاشقان ئارال. مەيدانى 179 كۋادرات كىلومېتر، ئۇزۇنلۇقى 31 كىلومېتر، كەڭلىكى 8 كىلومېتر كېلىدۇ. ئارۇبا بىلەن ۋېنسېۇئېلانىڭ ئارىلىقى 28 كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 270 مىڭدىن ئاشىدۇ(1982) . كيوراسو ئارىلىدا قارا ۋە ئاق تەنلىكلەردىن بولغان كىلئور خەلقلىرى، ئارۇبا ئارىلىدا ھىندى—ياۋروپا ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكى خەلقىلەر ئولتۇراقلاشقان. ئارۇبا 1499-يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1624-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئارۇبا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنى قوراللىق ئىگىلەپ ئىسپانىيىنىڭ ئورنىنى باسقان. 1807-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ جاينى گوللاندىيىنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان. 1814-يىلى قايتىدىن گوللاندىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن. شۇ يىلى گوللاندىيە ئارۇبا، كيوراسو، بۇنېر، سېن—مارتېن، سابا قاتارلىق ئاراللارنى بىرلەشتۈرۈپ گوللاندىيىگە قاراشلىق ئانتىل ئاراللىرى قۇرۇپ چىققان. ئارۇبا خەلقلىرى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1954-يىلى گوللاندىيە ئارۇباغا ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1983-يىلى گائاگادا ئېچىلغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ روھى بويىچە گوللاندىيە 1986-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئارۇبانىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏