چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاجمان ، ، پارس قولتۇقى بويىغا جايلاشقان ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەڭ كىچىك ئەزا دۆلەت .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاجمان

خەنزۇچە نامى :阿治曼

دۆلەت تىلى :ئەرەب تىلى

نوپۇسى :235,000

يەر مەيدانى :260 كۇۋادىرات كىلومېتر

چەتئەلچە نامى :Ajman

تەۋە رايون :ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى

ئاجمان ھەققىدە

18پارچەئاجمانئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك خەلىپىلىك. مەيدانى تەخمىنەن 260 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ئۈچ قىسمدىن تەركىب تاپقان. بىرسى، پېرسىيە قولتۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى مەركىزى—ئاجمەن شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار، قالغان ئىككى قىسمى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان. بۇنىڭ بىرسى، ئاجمەن شەھىرىنىڭ 60 كىلومېتر شەرقىدىكى ماناما، ئىككىنچىسى، ئاجمەن شەھىرىدىن 90 كىلومېتر شەرقىي جەنۇبتىكى ماسفۇتتىن ئىبارەت. ئاھالىسى 216 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. 60-يىللاردىن بۇيان ھەرخىل پوچتا ماركىلىرىنى بېسىپ تارقىتىش بىلەن كۆپلەپ سىرتقى پېرېۋوت توپلىغان. يېزا ئىگىلىكى ئانچە مۇھىم ئورۇن تۇتمايدۇ. مانامادا يېزا ئىگىلىك رايونلىرى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلار بار. ماسفوتنىڭ يېزا ئىگىلىكى سۇغىرىشقا تايىنىلىدۇ، خورما، كۆممىقوناق، تاماكا ئۆستۈرۈلىدۇ، مەرمەر تاش قېزىپ ئېلىنىدۇ. 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏