چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قىزىل لىپا دەرىخى لىپا ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، ئادەتتە ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىككىچە ئۆسەلەيدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :قىزىل لىپا دەرىخى

خەنزۇچە ئىسمى :红椴

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈلۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :تۈگمىگۈل تۈركىمى

ئائىلىسى :لىپا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :لىپا ئۇرۇقدېشى

قىزىل لىپا دەرىخى ھەققىدە 

قىزىل لىپا دەرىخىمەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى ۋە ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاش تاغلىق قويۇق ئورمانلىقتا، ياغىچى ئىنتايىن قاتتىق بىر خىل دەرەخ بولۇپ، قىزىل لىپا دەرىخى (شيەنمۇ دەرىخى) دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ماتېرىيالى زىچ ھەم چىڭ، سۇدا چۆكىدۇ، پولاتتەك قاتتىق، ئۇرسا مېتال نەرسىلەردەك جاراڭلىغان ئاۋاز چىقىرىدۇ، دەرىخىنى كەسمەك، بىرنەرسە ياسىماق ئىنتايىن تەس، ھەتتا مىخنىمۇ قېقىپ كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئۇنى «ھېچنېمە كار قىلمايدىغان» پولات-تۆمۈردەك ياغاچ دېيىشكە بولىدۇ.قىزىل لىپا دەرىخىنىڭ بۇنداق قاتتىق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئىنتايىن ئاستا، ئۆرۈش سىزىقلىرىنىڭ ناھايىتى زىچ بولىدىغانلىقىدىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ كۆپىنچە ھاك تاشلىق تاغلىقلاردا ياشايدىغانلىقىدىن بولىدۇ. ئۇنىڭ يىلتىزلىرى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈش ئۈچۈن، ھاك، تاش يوچۇقلىرىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ، نۇرغۇن كالتسىي ماددىلىق مىنېراللارنى سۈمۈرۈۋېلىپ، ياغاچلىق قىسىمغا جۇغلايدۇ، شۇڭا ئۇ ئالاھىدە قاتتىقلىشىپ كېتىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏