چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ۋۇخەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان، ۋۇچاڭ، خەنكۇ، خەنياڭدىن ئىبارەت ئۈچ بازار بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى قۇلايلىق، «توققۇز ئۆلكىنىڭ ئۆتىڭى» دېگەن نامى بار. شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى، ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرلىرىدىن بۇيان مۇھىم قەدىمىي شەھەر بولۇپ كەلگەن؛ سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، مەملىكەت بويىچە مۇھىم داڭلىق بازارلارنىڭ بىرى بولغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ۋۇخەن شەھىرى

خەنزۇچە نامى :武汉

دۆلىتى :جوڭگۇ

ئۆلكىسى :خۇبىي ئۆلكىسى

مەمۇرىي رايون شەكلى :ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر شەھەر

يەر مەيدانى :8.494 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :10مىليون 338مىڭ (2014-يىل)

كىلىماتى :سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

 ۋۇخەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان، ۋۇچاڭ، خەنكۇ، خەنياڭدىن ئىبارەت ئۈچ بازار بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى قۇلايلىق، «توققۇز ئۆلكىنىڭ ئۆتىڭى» دېگەن نامى بار. شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى، ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرلىرىدىن بۇيان مۇھىم قەدىمىي شەھەر بولۇپ كەلگەن؛ سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، مەملىكەت بويىچە مۇھىم داڭلىق بازارلارنىڭ بىرى بولغان. يېقىنقى زاماندىكى شىنخەي ئىنقىلابى ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى، «7-فېۋرال ئىش تاشلىشى» ، «7-ئاۋغۇست يىغىنى» قاتارلىقلار مۇشۇ يەردە يۈز بەرگەن. ھازىرغىچە ساقلانغان ئىنقىلابىي خارابىلەردىن، مەشھۇر يادىكارلىقلاردىن ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ كونا ئورنى، «7-فېۋرال ئىش تاشلىشى» يۈز بەرگەن كونا ئورۇن، «7-ئاۋغۇست يىغىنى» نىڭ ئورنى، شياڭ جىڭيۈ، شى ياڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ھەمدە شېڭشياڭ مۇنارى، خۇڭشەن مۇنارى، گۇييۈەن ئىبادەتخانىسى، خۇاڭخې(سېرىق تۇرنا) راۋىقى، دۇڭخۇ كۆلى مەنزىرىلىك رايونى قاتارلىقلار بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏