چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئورىنبۇرگ بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي ئورال رايونىغا جايلاشقان ئورېنبۇرگ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ئورېنبۇرگ

خەنزۇچە نامى :奥伦堡

نوپۇسى :519000 ئادەم (1985-يىل)

ئورنى :روسىيە جەنۇبىي ئۇرال شەھىرىدە

ئورېنبۇرگ ھەققىدە

5پارچەئورىنبۇرگسوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي ئورال رايونىغا جايلاشقان ئورېنبۇرگ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ساكمارا دەرياسىنىڭ ئورال دەرياسىغا قۇيۇلۇش ئاغزىغا يېقىن ئورۇنغا جايلاشقان. ئاھالىسى 520 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985) . بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى 1735-يىلى سېلىنغان. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەبىئىي گاز، ماشىنىسازلىق، يېمەك-ئىچمەك سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. ئورېنبۇرگدا ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز پۈتۈن سوېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گازنىڭ %11 نى(1981) تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جايدىن ئېلىنغان تەبىئىي گاز ئورال، ۋولگا قاتارلىق رايونلارنى تەمىنلەشتىن سىرت، تۇرۇبا ئارقىلىق پولشا، گېرمانىيە، چېخوسلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە توشۇلىدۇ. شەھەردە چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گازنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مېدىتسىنا ھەم سىفەن شۆيۈەنلىرى بار.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏