چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىران ئېگىزلىكى ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىراننىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمىنى، ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ غەربىي قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جۇغراپىيىلىك ئورنى

ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىراننىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمىنى، ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ غەربىي قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربىي تەرىپىنى زاگروس تېغى، شەرقىنى سۇلايمان تېغى، شەرقىي شىمالىنى ھىندىقۇش تېغى، شىمالىي تەرىپىنى ئېلبورس تاغلىرى قورشاپ تۇرىدۇ. ئېگىز تەكشىلىكنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000-2000 مېتىرغىچە كېلىدۇ. ئېگىز تەكشىلىكنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدا نۇرغۇنلىغان ئويمانلىق ھەم چۆككەن جايلار بار. 

ئىقلىمى

ئىران ئېگىز تەكشىلىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك بەلباغ چۆل ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئوتلاقلار بىلەن شورلۇق جايلارمۇ خېلى كەڭ دائىرىنى ئىگىلەيدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏