چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر. ئىسفاھان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، ئىراننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولۇپ، 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە. شەھەر ئاھالىسى 672 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر قەدىمدىن تارتىپ شىمال، جەنۇب، شەرق، غەرب قاتنىشىنىڭ تۈگۈنى بولغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ئىسفاھان

خەنزۇچە نامى :伊斯法罕

دۆلىتى :ئىران

چەتئەلچە نامى :Esfahan

ئىسفاھان ھەققىدە 

6پارچەئىسفاھانئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر. ئىسفاھان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، ئىراننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولۇپ، 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە. شەھەر ئاھالىسى 672 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر قەدىمدىن تارتىپ شىمال، جەنۇب، شەرق، غەرب قاتنىشىنىڭ تۈگۈنى بولغان. ھازىر تۆمۈر يوللار ئارقىلىق كوم، تېھرانلار بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆز ۋاقتىدىكى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي بېكىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىسفاھان شەھىرىدە ئاتاقلىق تارىخىي ئورۇنلار ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئات بەيگىسى مەيدانى ناھايىتى داڭلىق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا(16-، 18-ئەسىرلەردە) ساپاۋى پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزى بولغان. ھازىر ئىراننىڭ مۇھىم ئېغىر، يېنىك سانائەت مەركىزى. سانائەتتە ئاساسەن پولات-تۆمۈر، توقۇمىچىلىق، نېفىت ئايرىش، نېفىت-خىمىيە، ھەربىي قورال-ياراق ئىشلەپچىقىرىش، سېمونت، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ ئىران بويىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. قول سانائىتىدىن گىلەمچىلىك تەرەققىي قىلغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏