چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بارسېلونا ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي شىمالى دېڭىز ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت شەھىرى، ئەڭ چوڭ پورتى، مادرىد شەھىرىدىن قالسا ئىسپانىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :بارسېلونا

خەنزۇچە نامى :巴塞罗那

دۆلىتى :ئىسپانىيە

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

تەۋە رايون :ئىبېرىيە يېرىم ئارىلى شەرقىي شىمال رايون

يەر مەيدانى :101.9 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :1 مىليون 610 مىڭ ( 2012 )

كىلىماتى :ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمى

چەتئەلچە نامى :Barcelona

جۇغراپىيەلىك ئورنى

11پارچەبارسېلونائىسپانىيىنىڭ شەرقىي شىمالى دېڭىز ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت شەھىرى، ئەڭ چوڭ پورتى، مادرىد شەھىرىدىن قالسا ئىسپانىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر. بارسېلونا—يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا، غەربتىكى تىبىدابو تېغىنىڭ شەرقىي يان باغرىغا، شەرقىي شىمالدىن ئېقىپ كېلىدىغان لىلىۋېرىگات دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 2 مىليوندىن ئاشىدۇ. بارسېلونا ئىسپانىيىنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى، ئۇ قەدىمدا بارسېنو، بارسېنونا دەپ ئاتالغان. باسېلونا شەھىرى مىلادى 415-يىلغا كەلگەندە كارتاكى شەھەرلىك كېنەزلىكىنىڭ مەركىزى بولغان. كېيىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئىسپانىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏