چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
مېترو، يەنى «يەر ئاستى تۆمۈر يول» نىڭ قىسقارتىلغان نامى. ئەسلىدە بۇ يەر ئاستى يۈرگۈزۈش شەھەر رېلىسلىق قاتناش سىستېمىسى، شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شەھەر رېلىسلىق قاتناش سىستېمىسىمۇ تەرەققىي قىلدى.
ئۇيغۇرچە نامى :مېترو
خەنزۇچە نامى :地铁
چەتئەلچە نامى :Subway، Underground، Metro، Tube
تۈرى :شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى
7پارچەمېترو مىترو بولسا يەر ئاستىدىكى تۆمۈر يول سىستېمىسىنى بويلاپ شەكلىللەنگەن تەدرىجىي تەرەققىيات سېستىمىسىنىڭ بىر خىل ئېلېكترىك قوزغىتىلغان چوڭ تىپتىكى يۇكلەرنى شەھەردىن-شەھەرگە تېز سۈرئەتتە توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، شەھەر رېلىسلىق قاتناش ئەندىزىسى بولۇپ قالدى. شەھەرلەردىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى يەر ئۈستى قاتناش ترانسىپورتىنىڭ يۆتكەش مىقدارى ئاز، سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان قاتناش ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايۋاتىدۇ شۇڭلاشقا، شەھەر قاتنىشى بوشلۇققا، ياكى يەر ئاستىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېترو كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.شەھەر مېترولىرىغا ئادەتتە يەر ئاستى تونىل شەكلى قوللىنىلىدۇ، تونىل يەر يۈزىدىن 02-30 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بولىدۇ. مېترولار شەھەر رايونىدىن چىققاندىن كېيىن يەر ئاستىدىن يەر ئۈستىگە چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەر ئۈستى قاتنىشى بىلەن يەر ئۈستى قاتنىشى ئۆز-ئارا تۇتىشىدۇ.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى