چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تيەنجىن جىن، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن باشلاپ، سۇ يولى ترانسپورتىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن سودىنىڭ گۈللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكتىن تەرەققىي تاپقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :تيەنجىن

خەنزۇچە نامى :天津

دۆلىتى :جۇڭگو

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

كىلىماتى :ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ يېرىم نەم قۇرۇقلۇق مۇسسۇن شامىلى كىلىماتى

چەتئەلچە نامى :Municipality of Tientsin/Tianjin

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

تيەنجىن جىن، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن باشلاپ، سۇ يولى ترانسپورتىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن سودىنىڭ گۈللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكتىن تەرەققىي تاپقان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەر مۇھاپىزەت شەھىرى قىلىنغان. 

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى

ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تيەنخۇ قەسرى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، گۇاڭدۇڭ يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى بىناسى قاتارلىقلار بار.

 ئىنقىلابىي ئورۇنلىرى

 ئىنقىلابىي ئورۇنلاردىن داگۇ ئېغىزى زەمبىرەك سۇپىسى، ۋاڭخەيلۇ(دېڭىز كۆزىتىش راۋىقى) خارابىسى، يىخېتۇەن لۈزۇ ئىبادەتخانىسى خارابىسى، «ئويغىنىش» ئۇيۇشمىسى، پىڭجېن جېڭى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابى قاتارلىقلار بار. 

ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرى

ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرىدىن لاي قونچاق سەنئىتى، ياڭلۇچىڭ رەسىملىرى، تيەنجىن ئەلنەغمىسى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان ئۆتمۈشتىكى ھەرقايسى ئەل كونسېسسىيىلىرىدىكى چەت ئەل پاسونىدىكى قۇرۇلۇشلار ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى داچا شەكىللىك بىنا ۋە كوچىلار خۇددى يېقىنقى زامان «بىناكارلىق مۇزېيى» دەك ئىنتايىن خاسلىققا ئىگە.


 ئىنقىلابىي ئورۇنلا
 ئىنقىلابىي ئورۇنلا
 ئىنقىلابىي ئورۇنلاردى
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرى
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرى
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىر
يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏