چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قوشۇمچە يېمەكلىكلەر گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىق ئاساسىي يېمەكلىكلەردىن سىرىت تاماقلارغا ئىشلىتىلىدىغان توخۇ، ئۆردەك، بېلىق گۆشلىرى، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار ئاساسىي يېمەكلىك ھېسابلانمايدۇ، لېكىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قوشۇمچە يېمەكلىك

خەنزۇچە نامى :副食

قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ رولى 

5پارچەقوشۇمچە يېمەكلىكلەرۋىتامىن ئىنساننىڭ ھايات پائالىيىتىدە كەم بولسا بولمايدۇ، ئادەم بەدىنى ئۆزلۈكىدىن ۋىتامىنلارنى پەيدا قىلالمايدۇ، پەقەت يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىدۇ. ۋىتامىن سۇلۇق ۋىتامىن ۋە مايلىق ۋىتامىن دەپ ئايرىلىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىتامىنغا بولغان ئېھتىياجى گەرچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق كەم بولسا بولمايدۇ. بالىلار ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ۋىتامىن تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. گۆشلەردە مول بولغان مايلىق ۋىتامىن بولىدۇ، كۆكتاتلاردا يېمەكلىكلەردە مول بولغان سۇلۇق ۋىتامىنلار بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئىككىلىسىنى تەڭ ئىستېمال قىلىش كېرەك. بەزى ئانىلار گۆش تەركىبىدىكى ۋىتامىن كۆكتاتلارنىڭكىدىن يۇقىرى دەپ قاراپ، دائىم بالىلىرىغا گۆش بېرىشكە دىققەت قىلىپ، سەي-كۆكتاتقا دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، كۆكتاتلار تەركىبىدە ۋىتامىن C بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى ساقلاپ، ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن C كەم بولسا قان بۇزۇلۇش ۋە باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىر ياشقا تولغان بالىلاردا، بەش تالدىن سەككىز تالغىچە چىش چىقىپ بولغان بولىدۇ، بالىنىڭ چايناش ئىقتىدارى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلايدۇ. بىراق ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىر ئاز ئاجىز بولۇپ، چوڭلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ تامىقى يەنىلا ئاددىي، سىڭىشلىك بولغىنى ياخشى. بولۇپمۇ گۆش ۋە تالالىق ئۆسۈملۈك قاتارلىق ئوڭاي ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەپ بېرىش، بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاخ تاماققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، كۈندە ئىككى ۋاخ سۈت ئېمىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا سۈت يالغۇز ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كالتسىي تولۇقلاپ، بالىنىڭ سۆڭىكىنى چىڭىتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏