چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پورت شەھىرى سىنگاپور سىنگاپور جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولۇپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي ئارىلى بولغان سىنگاپورنىڭ جەنۇبىدا. پورت رايونىنىڭ كۆلىمى 93 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :سىنگاپور شەھىرى

خەنزۇچە نامى :新加坡市

دۆلىتى :سىنگاپور جۇمھۇرىيىتى

يەر مەيدانى :93 كۋادرات كىلومېتىر

كىلىماتى :تروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان كىلىماتى

چەتئەلچە نامى :Singapore City

مەمۇرىي رايون تۈرى :پايتەخت

سىنگاپور شەھىرى ھەققىدە 

12پارچەسىنگاپور شەھىرىنەنخەي دېڭىزى بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىسىدا قاتناۋاتقان پاراخوتلار سىنگاپور پورتىغا كىرىشى بىلەنلا، ئاندېرسون كۆۋرۈكى يېنىدىكى شىر باشلىق، بېلىق تەنلىك ئېگىز ھەيكەلنىڭ دېڭىز ساھىلىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ، ئېغىزىدىن سۈزۈك سۇلار ئېتىلىپ چىقىپ تۇرغان بولۇپ، خۇددى سىنگاپورغا كەلگەن مېھمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ سىنگاپورنىڭ سىمۋولى قىلىنغان ساياھەت بەلگىسى بولۇپ، 1972-يىلى ياسالغان.

سانسكرىت تىلىدا سىنگاپور دېگەن سۆز «شىر شەھىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1150-يىلى سىرىۋىجايا پادىشاھلىقىنىڭ شاھزادىسى پەننا لەشكەر تارتىپ مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى نامسىز قاقاس ئارالغا كەلگەن، ئۇلار بۇ ئارالغا كېلىپ ئەڭ دەسلەپ ئۇچراتقىنى بىر ئەركەك شىر بولغان. كېيىن پەننا بۇ ئارالغا سېپىل ياسىتىپ، شەھەرنىڭ نامىنى «سىڭگا بۇلو» يەنى «شىر شەھىرى» دەپ ئاتىغان. كېيىن سۆزنىڭ ئوقۇلۇش ئاھاڭى بويىچە، بۇ شەھەر «سىنگاپور» دەپ ئاتالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏