چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەرەب دېڭىزىنىڭ غەربىگە، سومالى يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان ئارال. ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ھىندىستان، غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا ئارىلىقىدىكى مۇھىم سودا-قاتناش تۈگۈنى بولغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :سوكوترا ئارىلى

خەنزۇچە نامى :索科特拉岛

يەر مەيدانى :3,796 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :51,000 (1984)

كىلىماتى :تروپىك بەلباغ قۇملۇق كىلىماتى

چەتئەلچە نامى :Socotra Archipelago,Socotra,Sokotra

ئۇزۇنلۇقى :132 كىلومېتىر

كەڭلىكى :50 كىلومېتىر

جۇغراپىيىلىك ئورنى :ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەرەب دېڭىزىنىڭ غەربى

قىسقىچە تۇنۇشۇتۇرش 

12پارچەسوكوترا ئارىلىئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەرەب دېڭىزىنىڭ غەربىگە، سومالى يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان ئارال. ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ھىندىستان، غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا ئارىلىقىدىكى مۇھىم سودا-قاتناش تۈگۈنى بولغان. ئۇ مەمۇرىي جەھەتتىن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يەمەن خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئارال ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن 290 كىلومېتىر، سومالى يېرىم ئارىلىدىن 241 كىلومېتىر يىراق تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 3,796 كۋادرات كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 132 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئاھالىسى 51 مىڭ (1984). ئاھالىنىڭ كۆپى ئەرەبلەر بىلەن نېگىرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئارىلاx قان سىستېمىسىدىكى خەلقلەر بولۇپ، ئەرەب شىۋىسىدا سۆزلىشىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏