چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىلگىرى تۇغۇتتىن كېيىن پەقەت ئانىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغىلا دىققەت قىلىنىپ، بالىنى قەرەللىك ۋاقىت ئېمىتىش تەكىتلەنگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئىلمىي ئەمەس، ھازىر بىز بالىنىڭ قاچان ئەمگۈسى كەلسە شۇ چاغدا ئېمىتىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

بالا ئېمىتىش قىياپىتى

بالىلارنى ئېمىتىش كېچىدە بالا ئېمىتىش قىياپىتى توغرىسىدا گەپ بولسا، بەزى مۇتەخەسسىسلەر مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن ئولتۇرۇپ ئېمىتىش كېرەك دېيىشىدۇ، بۇنداق قىلىشىمىز بالىنىڭ ياخشى تاماق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئويلىمىغان ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئولتۇرۇپ بالا ئېمىتكەندە بالا قېقىلىپ، يۆتىلىپ كەتمەيدۇ. بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئانىلار ئەگەر يېتىپ تۇرۇپ بالا ئېمىتىشنى ئۆگىنىۋالسا، ئۆزى ۋە بالىسىغا قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ ھەم ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنى ئۇزۇن مۇددەت ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ. بەزى ئانىلار دەسلەپتە ئادەتلىنەلمەسلىكى مۇمكىن، خىلمۇخىل قىياپەتتە ئېمىتىپ بېقىپ، ئاندىن ئۆزىگە ماس بولغان ئېمىتىش شەكلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئانا بىلەن بالا يېتىپ تۇرۇپ ئېمىتىش ۋە ئېمىشكە كۆنەلىسە، ئانىنىڭ جاپاسىمۇ يېنىكلەيدۇ. ئانا-بالىمۇ بىللە ئۇخلايدۇ، بالا كېچىسى ئويغىنىپ كەتكەندە، ئانا بىر تەرەپكە ئۆرۈلۈپلا بىر تەرەپتىكى ئەمچەك بىلەن ئېمىتەلەيدۇ ھەم بالا بىلەن ئۇيقۇغا كېتىدۇ. ئەلۋەتتە ئويلىمىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بالىنىڭ دۈمبىسىگە ئېگىزرەك سېلىنچا سېلىپ، سۈتنى قېقىۋېتىش پۇرسىتىنى ئازلىتىش، ھەم ئانا ئاۋۋال ئۇخلاپ قېلىپ، بالىنىڭ يۈزىنى توسۇۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

بالا ئېمىتىشنىڭ ئانىنىڭ روھى كەيپىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

4پارچەبالىلارنى ئېمىتىش ئاياللار بىرىنچى قېتىم ئانا بولغاندا جىددىيلىك ۋە خۇشاللىق ئىچىدە تەشۋىشلىنىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش ئانا ۋە بالىلارغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭى كەچۈرمىش، ئەمەلىيەتتە بالىنى ئەمگۈزۈش بولسا ئاياللارنىڭ يېڭى مېتابولىزمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تۇخۇم ئاجرىتىش، ھەيز كېلىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا بىر ئىش بولۇپ، بۇنى تونۇپ يەتكەن ئانىلار كەيپىياتنى تەڭشىيەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالا ئېمىتىش ئانىنىڭ خۇشاللىق بىلەن قىلىدىغان ئىشىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئانىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلاشنىڭ ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بالىنى ئېمىتىش ھەرىكىتى ئانا تېنىدىكى ھورمۇنلار ئۈچۈن پايدىلىق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئانىغا نىسبەتەن كۆڭۈللۈك، خۇشاللىنارلىق كەچۈرمىش بولۇپ قالىدۇ. بەدىنىدىكى قوزغاتقۇچى ئېلېمېنتلارمۇ ئانىنى راھەت، تىنچ ھېس قىلدۇرۇپ، كەيپىياتنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏