چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جەنۇبىي كەڭلىك′20 °29 بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق′ 16757 نىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان. ئاۋسترالىيىنىڭ چوڭ شەھىرى سېدىنىدىن 1700 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. تەبىئىتى جەھەتتىن مېلازېنىيە تاقىم ئاراللىرى تەركىبىگە كىرىدۇ، سىياسىي جەھەتتىن ئاۋسترالىيىنىڭ بىر سىرتقى ئۆلكىسى ھېسابلىنىدۇ، مەيدانى 34.5 كۋادرات كىلومېتىر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئىسمى :نورفوك ئارىلى

خەنزۇچە ئىسمى :诺福克岛

باشقا نامى :Norfolk Island

كۆلىمى :34.5 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :2128 ئادەم(2008-يىل)

نورفوك ئارىلى ھەققىدە

ئاھالىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى پىتكائىن تاقىم ئاراللىرىدىن كەلگەن خەلقلەر بىلەن ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ھەم ئەنگلىيىدىن ئۆز ۋاقتىدا سىياسىي جىنايەتچى قاتارىدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسى خرىستىئان ھەم كاتولىك دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى بىلەن پىتكائىن تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئەنگلىيىلىك كوك 1774-يىلى بۇ ئاراللارنى تاپقان ھەم نورفوك ئارىلى دەپ نام بەرگەن. 1788-يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1913-يىلى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. نورفوك ئارىلى يانار تاغ ئارىلى بولۇپ، ئەتراپىنى مارجان رىفلىرى قورشاپ تۇرىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏