چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش توكاننىڭ يەنە بىر نامى چوڭ تۇمشۇقلۇق قۇش. بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 67 سانتىمېتىر، ئېغىزى چوڭ، ئۇزۇنلۇقى 17 سانتىمىتىردىن 24 سانتىمېتىر غىچە، كەڭلىكى 5 سانتىمىتىردىن 9 سانتېمېتىرغىچە، ئاغىزىنىڭ شەكلى پىچاققا ئوخشايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :توكان

خەنزۇچە ئىسمى :鵎鵼

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :قۇشلار سىنىپى

ئائىلىسى :چوڭ تۇمشۇق قۇش ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :كەركىدان قۇش ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ھەرىقۇش

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :كەركىدان قۇش كەنجى ئەترىتى

لاتىنچە نامى :Ramphastos toco

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىشى 

6پارچەتوكانتوكاننىڭ يەنە بىر نامى زور تۇمشۇقلۇق قۇش. بەدىنىنىڭ  ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 67 سانتىمېتىر، ئېغىزى چوڭ، ئۇزۇنلۇقى 17 سانتىمىتىردىن 24 سانتىمېتىر غىچە، كەڭلىكى 5 سانتىمىتىردىن 9 سانتېمېتىرغىچە، ئاغىزىنىڭ شەكلى پىچاققا ئوخشايدۇ. تۇمشۇق ئىنتايىن چىرايلىق،  يۇقىرى يېرىم قىسىمى سېرىق رەڭلىك، شەكلى سۇس يېشىل رەڭلىك، ئاستىنقى يېرىم قىسمى ئاسمان كۆكى رەڭگىدە، تۇمشۇقى ئۇچلۇق زىننەتلىنىپ ئازراق قىزىل. كۆزىنىڭ تۆت ئەتراپى ھەرخىل ھاۋا رەڭ، كۆكرىكى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولۇپ، ئومۇرتقا قىسمى قارا رەڭدە بولىدۇ. رەڭدار ھەم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان چوڭ تۇمشۇقىنىڭ تاماشا قىلىش قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. ئاساسەن مېۋە، ئۇرۇق، قۇرت - قوڭغۇز، قۇش تۇخۇمى ۋە چۈجە قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. دەرەخ كامىرىغا ئۇۋا سالىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏