چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ماۋنەنلەر ئۆزلىرىنى «ئانەن» دەپ ئاتايدۇ، بۇ «بۇ يەرلىكلەر» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، ئاساسلىقى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى خۇەنجياڭ دەرياسىنىڭ سەننەن(يۇقىرى جەنۇب، ئوتتۇرا جەنۇب، تۆۋەن جەنۇب) دىكى تاغلىق رايونلارغا تارقالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ماۋنەن مىللىتى

خەنزۇچە نامى :毛难族

نوپۇسى :107,166 (2000-يىلى)

تىلى :ماۋنەن تىلى

مىللەت ئالاھىدىلىكى 

ماۋنەن مىللىتىچېچەن ھەم قولى ئەپچىل ماۋنەنلەر بامبۇك ئۆرىمىچىلىكىگە ۋە ئويمىچىلىققا ماھىر. ئۇلار ئۆرىگەن گۈللۈك بامبۇك شىلەپە، ئەل ئارىسىدا «ماۋنەن شىلەپىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ شىلەپىنىڭ يىراق-يېقىندا بازىرى ئىتتىك. ماۋنەن ئاياللىرى كۆپ ھاللاردا ئۇنى كىيىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. ئۇلار ئويغان ياغاچ نىقاب خۇددى راستتەكلا كۆرۈنىدۇ، ئۇلار ئويغان تاش تۈۋرۈك، تاش ئابىدە ۋە خۇددى راستتەكلا كۆرۈنىدىغان ئەجدىھا، سۇمۇرغ، بوبرا كېيىك، ئاق تۇرنا، قارىغاي ماۋنەن خەلقىنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏