چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش نۇزۇلار نۇجياڭ دەرياسى ۋە لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قەدىمىي ئاھالە بولۇپ، تارىختا ئايرىم-ئايرىم ھالدا لىسۇ، ناشى، بەيزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يەرلىك بەگلىرى ۋە كاتتىۋاشلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، بەزى جايلار ھەتتا تېرىقچىلىقتا ئۆرتەپ-تىلغاپ تېرىش باسقۇچىدا توختاپ قالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :نۇزۇ مىللىتى

خەنزۇچە نامى :怒族

نوپۇسى :70000

چەتئەلچە نامى :The Nu nationality

 ئىسىم قويۇش ئادىتى

3پارچەنۇزۇ مىللىتىنۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى نۇزۇ رايونىدا بىرەر نۇزۇنىڭ تولۇق ئىسمىنى ئېسىدە تۇتۇۋالماق تولىمۇ تەس. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىسمى 10 نەچچە ئەۋلاد ھەتتا 40 نەچچە ئەۋلادتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئەجدادىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ئالدىدىكى بىر ئەۋلاد كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ بىر-ئىككى بوغۇمى كېيىنكى ئەۋلادقا ئىسىم قىلىپ قويۇلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىسمى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ مارجاندەك تىزىلىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئىسىم قويۇش ئادىتى نۇزۇلار ياشاۋاتقان نۇرغۇن جايلاردا ئىزچىل ساقلىنىپ كەلمەكتە.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏