چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يالۇڭخې دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدا، زاڭزۇ مىللىتىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يالۇڭخې دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

خەنزۇچە نامى :雅砻河风景名胜区

ئورنى :شىزاڭ شەننەن ۋىلايىتى

كۆلىمى :920 كۋادرات كىلومېتىر

تەبىيىتى :مەنزىرە رايونى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

5پارچەيالۇڭخې دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونىيالۇڭخې دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدا، زاڭزۇ مىللىتىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى. بۇ يەردىكى قارلىق تاغ، مۇزلۇق، يېزا، -قىشلاق ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، دېڭىز ساھىلى، جىلغا، قەدىمكى مەدەنىيەت خارابىسى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلار سىرلىق، قەدىمىي ھەم كۆركەم كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلغان. مەنزىرىلىك رايوندا ئۆسۈملۈك تۈرلىرى مول، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئېگىزلىكنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ۋېرتىكال زونىغا تارقالغان. گۇمانىتار مەنزىرىلەردىن شىزاڭدىكى ئەڭ بۇرۇنقى قەسىر يۇڭبۇلاكاڭ، شىزاڭ بويىچە تۇنجى ئىبادەتخانا − يۇەنگې ئىبادەتخانىسى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى − چاڭجۇ ئىبادەتخانىسى ۋە زاڭزۇ خانلىرىنىڭ قەبرىلەر توپى قاتارلىقلار بار. ئوتتۇرا ئەسىر بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئاھالە تۇرالغۇلىرى ھەمدە مىللىي ئۆرپ-ئادەت، دىنىي پائالىيەت قاتارلىقلار روشەن رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏