چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تاشقى پېرېۋوت پۇل مەمۇرىي ئورگانلىرى ( مەركىزىي بانكا ، پۇل باشقۇرۇش ئاپپاراتى ، تاشقى پېرېۋوتنى مۇقىملاشتۇرۇش فوند ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى ) بانكا ئامانەت پۇلى ، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خەزىنە زايومى ، ئۇزۇن - قىسقا مۇددەتلىك ھۆكۈمەت ئاكسىيىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ساقلايدىغان خەلقئارا كىرىم - چىقىم تەتۈر پەرقى كۆرۈلگەن چاغدا ئىشلىتىلىدىغان ھەقدارلىقتىن ئىبارەت .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تاشقى پېرېۋوت

خەنزۇچە نامى :外汇

چەتئەلچە نامى :Foreign currency

 تاشقى پېرېۋوت ھەققىدە 

تاشقى پېرېۋوتخەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاقىدە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەممە قوبۇل قىلىدىغان ھەمدە ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بېكىتكەن پۇل ئىشلىتىلىپ ھېسابات قىلىنىدۇ ۋە كىرىم-چىقىم قىلىنىدۇ. تاشقى پېرېۋوت خەلقئارا ھېسابات ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان چەت ئەل پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى بولۇپ ئىپادىلەنگەن چىقىم قىلىش دوكۇمېنتى ۋە كرېدىت دوكۇمېنتىدۇر. تاشقى پېرېۋوت پۇل مەمۇرىي ئورگانلىرى ( مەركىزىي بانكا ، پۇل باشقۇرۇش ئاپپاراتى ، تاشقى پېرېۋوتنى مۇقىملاشتۇرۇش فوند ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى ) بانكا ئامانەت پۇلى ، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خەزىنە زايومى ، ئۇزۇن - قىسقا مۇددەتلىك ھۆكۈمەت ئاكسىيىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ساقلايدىغان خەلقئارا كىرىم - چىقىم تەتۈر پەرقى كۆرۈلگەن چاغدا ئىشلىتىلىدىغان ھەقدارلىقتىن ئىبارەت .

تاشقى پېرېۋوت ئاساسلىقى مۇنۇرلارنى كۆرسىتىدۇ: چەت ئەل پۇلى، بۇ چەت ئەل قەغەز پۇلى ۋە تەڭگە پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چەت ئەلنىڭ ئاكسىيىسى، بۇ ھۆكۈمەت زايومى، شىركەت زايومى، پاي چېكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چەت ئەلنىڭ چىقىم دوكۇمېنتى، بۇ چەت ئەلنىڭ ۋېكسىلى، بانكا پۇل ئامانەت دوكومېنتى، پوچتا پۇل ئامانەت دوكۇمېنتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار چەت ئەل پۇلى بولۇپ ئىپادىلىنىدىغان چىقىم دوكۇمېنتى ۋە كرېدىت دوكۇمېنتى، چەت ئەل پۇلى بولۇپ ئىپادىلىنىدىغان تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى بولۇپ، ئىگىدارنىڭ ئۇنىڭغا ئاساسلىنىپ قارشى تەرەپتىن چەت ئەل پۇلى تېگىشىۋېلىش ھوقۇقى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار چەت ئەل پۇلىغا ئوخشاشلا دۆلەت تاشقى پېرېۋوتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. تاشقى پېرېۋوت خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ئالاقىدىكى چىقىم قىلىش ۋاسىتىسى. خەلقئارا سودا ۋە پۇل مۇئامىلە ئالاقىسىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەلۇم مىقداردا تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ساقلىشى كېرەك. نۆۋەتتە، ئامېرىكا دوللىرى، گېرمانىيە ماركى، ياپونىيە يېنى، فوند ستېرلىڭ، شۋېتسارىيە فرانكى، فرانسىيە فرانكىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر كەڭ كۆلەمدە تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قىلىپ ئىشلەتمەكتە. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏