چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى يەنە «2-قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى

باش قوماندان :ما ۋزېدۇڭ ، جياڭ جيېشى

باشقا ئاتىلىشى :ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش

ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار :مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە , جۇڭگو ئىشچى − دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى

ئورنى :جۇڭگو

ھەربىي كۈچ :قىزىل ئارمىيە 500 مىڭ ، دۆلەت ئارمىيەسى 1 مىليون

ۋاقتى :1927-يىلى 8-ئايدىن 1937-يىلىغىچە

ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى :قىزىل ئارمىيە ئەڭ ئاخىرىدا ئاران 30 مىڭى ئېشىپ قالغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى

نەتىجىسى :گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئۇرۇش توختىتىش ، 2 - قېتىملىق گومىنداڭ - كومپارتىيە ھەمكارلىقى مەزگىلى

خەنزۇچە نامى :土地革命战争

ئۇرۇش ھەققىدە قىسقىچە بايان 

5پارچەيەر ئىنقىلابى ئۇرۇشىيەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى يەنە «2-قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جياڭ جيېشىنىڭ ئەكسلئىنقىلابىي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان بۇ ئىنقىلابىي ئۇرۇش 1927-يىلى جياڭ جيېشى، ۋاڭ جىڭۋېيلار ئەكسلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندا باشلىنىپ، 1937-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن ئاياغلاشتى. 1927-يىل 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەنكۇدا جىددىي يىغىن ئېچىپ، 1-قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، يەر ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش ۋە گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قوراللىق قارشى تۇرۇش باش فاڭجېنىنى بېكىتتى. 10-ئايدا ماۋ زېدۇڭ كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىغا قاتناشقان قوشۇنلارنى باشلاپ جىڭگاڭشەنگە چىقىپ تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇرۇپ، يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش، ئاخىردا ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش يولىنى ئاچتى. 1928-يىلى 4-ئايدا جۇ دې، چېن يى قاتارلىقلار نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان بىر قىسىم قوشۇننى باشلاپ جىڭگاڭشەنگە كېلىپ، ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ1-شىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، جىڭگاڭشەن تايانچ بازىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتتى. 1933-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 نەچچە قېتىملىق قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، 10 نەچچە ئىنقىلابىي تايانچ بازا بەرپا قىلدى. ئىنقىلابىي تايانچ بازىلاردا كوممۇنىستىك پارتىيە زوراۋان پومېشچىكلارغا زەربە بېرىپ، يەرلەرنى تەقسىم قىلىش ئىنقلابىي كۈرىشىنى قانات يايدۇردى. 1928-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو تارىخىدا فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىكىنى تۇنجى بولۇپ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقان «جىڭگاڭشەن يەر قانۇنى» نى ئېلان قىلدى. 1931-يىلى11-ئايدا جياڭشىدىكى رۇيجىندا جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى، بۇ، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى بىلەن قارشىلىشىدىغان خەلق ھاكىمىيىتى ئىدى. 

يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى تەۋرىتىپ قويدى. 1930-يىلى قىشتىن 1931-يىلى كۈزگىچە گومىنداڭ ئارمىيىسى جياڭشى مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلەملىك «قورشاپ يوقىتىش» ھۇجۇمى قوزغىدى، بىراق ھەممىسىدىلا مەغلۇپ بولدى. 1933-يىلى 2-ئايدا يەنە 4-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ھۇجۇمى قوزغىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى تۇرۇش جەريانىدا كۈنسېرى قۇدرەت تېپىپ، سانى 300 مىڭغا يەتتى. 1933-يىلى 10-ئايدا جياڭ جيېشى يەنە ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارغا قارشى 5-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ئېلىپ باردى. 1934-يىلى 10-ئايدا مەركىزىي قىزىل ئارمىيە «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ئىستراتېگىيىلىك يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولۇپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى باشلىدى. باشقا ئىنقىلابىي تايانچ بازىلاردىكى قىزىل ئارمىيىمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، ماۋ زېدۇڭنىڭ پۈتۈن پارتىيىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلەندى. قىزىل ئارمىيە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قورشاش، قوغلاپ زەربە بېرىش، توسۇشلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 1935-يىلى 10-ئايدا ئۇزۇن سەپەرنى غەلىبىلىك تاماملىدى.

ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقنى جىددىيلەشتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 1936-يىلى 12-ئايدا شىئەن ۋەقەسى تىنچ ھەل قىلىنىپ، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ 2-قېتىملىق ھەمكارلىقى ئەمەلگە ئاشتى. 1937-يىلى «7-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسىدىن تەشكىللەنگەن 8-ئارمىيە بىلەن يېڭى 4-ئارمىيە يېپيېڭى قىياپەتتە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغۋار ئۇرۇشقا ئاتلاندى، يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏