چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، كاپىتال ئىككى بۆلەككە ئايرىلىدۇ، بىر بۆلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، يەنە بىر بۆلىكى، ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كاپىتال

خەنزۇچە نامى :资 本

چەتئەلچە نامى :capital

پۇلنىڭ كاپىتالغا ئايلىنىشى 

بەزىلەر بىر ئادەمنىڭ قولىدا پۇل كۆپ بولسىلا، بۇ ئادەمنىڭ كاپىتالى كۆپكەن دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پۇلنىڭ ئۆزى كاپىتال ئەمەس. پۇل مۇئەييەن شارائىتتىلا تاۋارغا ئايلىنىدۇ. پۇلنىڭ تاۋار ئوبوروتىنىڭ ۋاسىتىسى قىلىنىشى بىلەن پۇلنىڭ كاپىتال قىلىنىشىدىكى ھەرىكەت شەكلى ئوخشىمايدۇ. ئاددىي تاۋار ئوبوروتىدا، تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ساتىدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەم ئاۋۋال بازاردا پالتا سېتىپ، ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن پۇلىغا بۇغداي سېتىۋالىدۇ. بۇ يەردە پۇل تاۋار ئوبوروتىنىڭ ۋاسىتىسى قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئاددىي تاۋار ئوبوروتىنىڭ فورمۇلىسى: تاۋار(W) -پۇل(G) -تاۋار (W) بولىدۇ. كاپىتال ئوبوروتىدا، ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. بۇ چاغدا، پۇل ئىگىسى ئاۋۋال تاۋار سېتىۋالىدۇ ھەم ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ئارقىلىق، يەنە تاۋار سېتىپ چىقىرىدۇ ھەم يېڭىۋاشتىن پۇلغا ئىگە بولىدۇ. بۇ يەردە تاۋار − ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى بولىدۇ. بۇ فورمۇلا بىلەن: پۇل(G) -تاۋار(W) -پۇل(G) بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر پۇل ئىگىسى 10 مىڭ يۈەنگە تاۋار سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن يەنە سېتىپ چىقىرىپ، يەنىلا 10 مىڭ يۈەنگە ئېرىشسە، بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تاۋارنى سېتىپ چىقىرىپ ئېرىشكەن پۇل ئەسلىدىكى تاۋار سېتىۋالغاندا سەرپ قىلغان پۇلدىن كۆپ بولۇشى كېرەك. شۇڭا، بۇ جەرياندىن ئۆتكەندىن كېيىن، پۇلنىڭ قىممىتى ئېشىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. ماركس بۇنداق ئاشقان قىممەتنى قوشۇمچە قىممەت، دەپ ئاتىغان. پۇل مۇشۇ چاغدىلا ئاندىن كاپىتالغا ئايلىنىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏