چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى − بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم مەزگىل(ئادەتتە بىر يىل) ئىچىدە بارلىق تارماقلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى بىلەن ساپ كىرىمنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى

خەنزۇچە نامى :国民生产总值

چەتئەلچە نامى :Gross National Product

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ھەققىدە 

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىبۈگۈنكى دۇنيادا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، بايلىق ئەھۋالى، ستاتىستىكا ئاساسى قاتارلىقلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى، مىللىي دارامەت قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنىلا ئەكس ئەتتۈرىدۇ، باشقا تارماقلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا، دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئورتاق قوللىنىۋاتقان بارلىق ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدۇر. 

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى − بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم مەزگىل(ئادەتتە بىر يىل) ئىچىدە بارلىق تارماقلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى بىلەن ساپ كىرىمنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە مىللىي دارامەت، تۇراقلىق مۈلۈكنىڭ ئۇپراش ھەققى ۋە غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىنىڭ ساپ كىرىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ھەم ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتى(سەرپ قىلىنغان خام ئەشيانىڭ قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نى، ھەم غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى(مەسىلەن، پۇل مۇئامىلە، سوغۇرتا، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت ئىشلىرى قاتارلىقلار) ۋە ئاھالىلەر مۇلازىمەت كەسپى(مەسىلەن، ساتىراشلىق كەسپى قاتارلىقلار) تەمىنلىگەن غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كىرىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە ئائىلە خىزمەتچىلىرى(مەسىلەن، بالا باققۇچى) قاتارلىقلار تەمىنلىگەن ئەمگەك − مۇلازىمەت قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏