چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئەپيۈن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ماداراچىلىقى جۇڭگو خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى. سەنيۈەنلى خەلقىنىڭ ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى كۈرىشى بۇنىڭ بىر مىسالى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :سەنيۈەنلى خەلقىنىڭ ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى ئۇرۇشى

ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار :جوڭگو، ئەنگىلىيە

ئورنى :گۇاڭدۇڭ سەنيۈەنلى

ۋاقتى :1841-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى

نەتىجىسى :گۇاڭجۇ خەلقى غەلىبە قىلدى

خەنزۇچە نامى :三元里抗英斗争

ۋەقەلەر چۈشەندۈرۈلۈشى 

4پارچەسەنيۈەنلى خەلقىنىڭ ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى ئۇرۇشى1841-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەردە ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر تارمىقى سىفاڭ زەمبىرەك سۇپىسىدىن ئۆتۈپ، گۇاڭجۇنىڭ شىمالىدىكى سەنيۈەنلى ئەتراپلىرىغا بېسىپ كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلدى. سەنيۈەنلى خەلقى قارشىلىق كۆرسىتىپ، بىرقانچە دۈشمەننى ئۆلتۈردى. دۈشمەننىڭ يەنە قايتىدىن پاراكەندىچىلىك سالىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا پەرەز قىلغان سەنيۈەنلى خەلقى سەنيۈەنلى بۇتخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، ئۈچ يۇلتۇزلۇق بايراقنى ئۆزلىرىنىڭ بۇيرۇق بايرىقى قىلىش، «بايراق ئىلگىرىلىسە ئىلگىرىلەش، بايراق چېكىنسە تەڭ چېكىنىش» توغرىسىدا كېلىشىۋالدى ھەمدە ئادەم ئەۋەتىپ ئەتراپتىكى يېزىلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا تەييارلاندى. 

5 -ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن ھەرقايسى يېزىلارنىڭ ۋەكىللىرى گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ شىمالىدىن ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نيۇلەنگاڭغا يىغىلىپ، بۇ جايدا ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى قارار قىلدى. 5-ئاينىڭ30-كۈنى سەھەردە سەنيۈەنلى ئەتراپىدىكى خەلق «ئەنگلىيىلىكلەرنى يوقىتىش ئۆمىكى» دېگەن خەت يېزىلغان چوڭ بايراقنى كۆتۈرۈپ، نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ، ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ بازىسى—سىفاڭ زەمبىرەك سۇپىسىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ھېنروپوتتىنگېر ئالدىراپ-تېنەپ 2000 ئادەمنى ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئەۋەتتى. قوراللانغان ئامما ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى نيۇلەنگاڭغا ئالداپ ئېلىپ كەلدى. بىرىنچى پاي زەمبىرەك ئاۋازى ئاڭلانغان ھامان، نيۇلەنگاڭ ئەتراپىدا مۆكۈپ ياتقان يەتتە-سەككىز مىڭ كىشىلىك قوراللانغان ئامما تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتتى. شۇ كۈنى يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوق-دورىلىرى ھۆل بولۇپ كەتكەچكە، مىلتىق، زەمبىرەكلىرى كارغا كەلمىدى. دۈشمەنلەر پاتقاق ئېتىزلىقلاردا ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇپ، ئىنتايىن رەسۋا بولدى، كەچ سائەت توققۇزدىن ئاشقاندىلا ئاندىن قاتمۇقات مۇھاسىرىدىن ئۆتۈپ قېچىپ كەتتى. سەنيۈەنلى خەلقى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ 200 نەچچە ئادىمىنى ئۆلتۈردى. 10 نەچچە ئادىمىنى ئەسىر ئالدى، ئاندىن غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، سىفاڭ زەمبىرەك سۇپىسىنى قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئالدى. 31-كۈنى سەھەردە گۇاڭجۇ ئەتراپىدىكى بىرقانچە ناھىيىدىكى ئامما بەس-بەس بىلەن ياردەمگە كەلدى، ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى قورققىنىدىن جان-پېنى چىقىپ كەتتى. ئاخىردا ئەنگلىيە ئارمىيىسى ۋەتەن خائىنى يى شەن قاتارلىقلارغا تايىنىپ ئاممىنى مۇھاسىرىنى بوشىتىشقا مەجبۇرلىدى ۋە 2-كۈنى خۇمېندىن رەسۋالارچە چېكىنىپ چىقتى.

سەنيۈەنلى خەلقىنىڭ ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى كۈرىشى يېقىنقى زامان جۇڭگو خەلقىنىڭ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇنجى ئىستىخىيىلىك كۈرىشى بولۇپ، بۇ كۈرەش جۇڭگو خەلقىنىڭ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى غايەت زور كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏