چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بىئو ياراغلار بىرقەدەر زور ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە، شۇنداقلا چەكلىمىلىككىمۇ ئىگە ھەم ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ.

قىسقىچە چۈشەنچە

بىئو ياراغلار بىرقەدەر زور ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە، شۇنداقلا چەكلىمىلىككىمۇ ئىگە ھەم ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىلمىي ئۇسۇل قوللانغاندىلا، زىيىنىنى يېنىكلەتكىلى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

مۇداپىئەلىنىش ئۇسۇللىرى ۋە رولى 

نەپەس يولىنى قوغداش

 دۈشمەن بىئولوگىك دورا ئايروزولىنى قويۇپ بەرگەندە، مۇداپىئە ماسكىسى ياكى نىقاب تاقاش كېرەك، يۇقۇمدىن ساقلىنىش، چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش ماسكىسى تاقاشقىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقى سايمانلار بولمىغاندا، لۆڭگە، قولياغلىق، جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىدىكى پاختىدىن ياسالغان ئاددىي ماسكا ياكى قولياغلىق، بۆك، كىيىمنىڭ پېشى قاتارلىقلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى ئېتىۋالغاندىمۇ مۇئەييەن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.

كۆزنى قوغداش

 ماسكا ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆزنى قوغداشقىمۇ دىققەت قىلىپ، بىئولوگىك دورىلارنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۆزى ياسىۋالغان زەھەردىن ساقلىنىش كۆزەينىكى، شامالدىن دالدىلىنىش كۆزەينىكى تاقاشقىمۇ ياكى سۈزۈك سۇلياۋ رەخت ئوراپ مۇداپىئەلىنىشكىمۇ بولىدۇ. 

تېرىنى قوغداش

 زەھەردىن ساقلىنىش كىيىمى ياكى يۇقۇمدىن ساقلىنىش كىيىمىنى كىيگەندە، بىئولوگىك دورا ئايروزولىنىڭ تېرىنى بۇلغىشىدىن ساقلانغىلى ھەم بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ھاشاراتلارنىڭ چېقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يەڭ، ياقا، پۇشقاقنى چىڭ ئېتىش، پەلەي كىيىش، ئۆتۈك كىيىشنىڭمۇ بەلگىلىك قوغداش رولى بار. مەسىلەن، يامغۇرلۇق كىيگەندە ياكى يېپىنچا، سۇلياۋ قاتارلىقلارنى ئارتىۋالغاندا، بۇلارنىڭ قوغداش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئىممۇنىتېتنى قوغداش

 ئادەتتىكى چاغلاردا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، جەڭ ۋاقىتلىرىدا دۈشمەننىڭ جابدۇنغان ئاساسىي بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىغا مۇناسىپ ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك.

دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش

دۈشمەننىڭ بىئو يارىغىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىشلىتىلگەن بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىغا مۇناسىپ دورىلارنى ئىچىش لازىم. ئەگەر، دۈشمەننىڭ قايسى خىل جەڭ دورىلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا جەزم قىلغىلى بولمىسا، رولى كۆپ خىل ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏