چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ياپونىيە ئىككى ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشىنى باھانى قىلىپ 8-ئاينىڭ 13-كۈنى شاڭخەيگە زور كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغىدى، جۇڭگو ئارمىيەسى قايتۇرما زەربە بەردى. مانا بۇ ‹‹ 13-ئاۋغۇست ›› ۋەقەسىدۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :13-ئاۋغۇست ۋەقەسى

باشقا ئاتىلىشى :13 - ئاۋغۇست سۇڭخۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش

ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار :جۇڭگو، ياپونىيە

ئورنى :جۇڭگو شاڭخەي

ۋاقتى :1937-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە

خەنزۇچە نامى :八一三事变

چەتئەلچە نامى :8.13 Incident

تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى

4پارچە13ئاۋغۇست ۋەقەسى1937-يىلى ياپون جاھانگىرلىكى لۇگۇچياۋ ۋەقەسىنى قوزغىغاندىن كېيىن، يەنە شاڭخەيگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، جەنۇب-شىمالدىن تەڭ قىستاپ، تېز جەڭ قىلىپ تېز غەلىبە قىلىش ئارقىلىق مىللىي ھۆكۈمەتنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلماقچى بولدى. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ياپونىيىنىڭ ئىككى ھەربىي ئەمەلدارى ھەربىي ماشىنىسى بىلەن شاڭخەي خۇڭچياۋ ئايرودرومىغا ئۈسۈپ كىرىپ، جۇڭگولۇق بىر مۇھاپىزەتچى ئەسكەرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. جۇڭگونىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچى ئەترىتى قايتۇرما زەربە بېرىپ، ياپونىيىنىڭ ئىككى ھەربىي ئەمەلدارىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ياپونىيە مۇشۇنى باھانە قىلىپ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى شاڭخەيگە زور كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغىدى. جۇڭگو ئارمىيىسى قايتۇرما زەربە بەردى. مانا بۇ «13-ئاۋغۇست» ۋەقەسىدۇر. بۇ ۋەقە « ۋۇسۇڭ-شاڭخەي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى جېڭى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏