چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1935-يىلى قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 111222 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 23601 كۋادرات مېتىر. 1996-يىلى خەنزۇ تىلى، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا، تەجرىبە قاتارلىق ئالتە كەسىپ، 29 ئوقۇتۇش سىنىپى تەسىس قىلىنغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قەشقەر ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى

خەنزۇچە نامى :喀什地区师范学校

قۇرۇلغان ۋاقتى :1935-يىلى

مەكتەپ تۈرى :پېداگوگىكا مەكتىپى

مەكتەپ ھەققىدە 

1935-يىلى قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 111222 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 23601 كۋادرات مېتىر. 1996-يىلى خەنزۇ تىلى، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا، تەجرىبە قاتارلىق ئالتە كەسىپ، 29 ئوقۇتۇش سىنىپى تەسىس قىلىنغان. تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەرنى كەسپىي سىنىپلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل. ئازادلىقتىن كېيىن 1996-يىلغا قەدەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 22 مىڭغا يەتكەن. 1999-يىلى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 1152 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 230 نەپەرگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 150 نەپەرگە، ئالىي دەرىجىلىك لېكتور 20 نەپەرگە يەتكەن. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلار 60 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏