چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى 1954-يىلى 10-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق دېھانچىلىق، ئورمانچىلىق نازارىتى قەشقەردە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى دېھقانچىلىق تەربىيىلەش سىنىپى ئاچقان. بۇ ئاساستا 1958-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلۇشقا باشلاپ، شۇ يىلى 12-ئايدا رەسمىي ھالدا «قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى» دەپ نام بېرىلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى

خەنزۇچە نامى :喀什农业学校

قۇرۇلغان ۋاقتى :1958-يىلى 10-ئاي

ئايرىمىسى :كەسپىي مائارىپ

مەكتەپ تۈرى :

كەسپى مەكتەپ

مەكتەپ ھەققىدە

قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى 1954-يىلى 10-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق دېھانچىلىق، ئورمانچىلىق نازارىتى قەشقەردە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى دېھقانچىلىق تەربىيىلەش سىنىپى ئاچقان. بۇ ئاساستا  1958-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلۇشقا باشلاپ، شۇ يىلى 12-ئايدا رەسمىي ھالدا «قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى» دەپ نام بېرىلگەن. مەكتەپ خەنزۇ، مىللىي ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 34000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 21602 كۋادرات مېتىر.

 مەكتەپ شتاتى 1999-يىلى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىسى 120 نەپەر (ئالىي دەرىجىلىك لېكتور سەككىز نەپەر، لېكتور 39 ئادەم، ياردەمچى لېكتور 45 نەپەر) ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 910 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 8000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىنىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن، 2000 نەپەردىن ئارتۇق ئادەم قىسقا مۇددەتلىك كۇرستا تەربىيىلەنگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏