چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىنجاڭ سۇچىلىق - سۇ ئېلېكتر مەكتەپ 1980 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمى ئوتتۇرا تېخنىكو ئوتتۇرا دەرىجىلىك سۇ ئىنشائاتى ، سۇ ئېلېكتر تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ مۇھىم بازىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىنجاڭ سۇ ئېلېكتر مەكتىپى

خەنزۇچە نامى :新疆水利水电学校

قۇرۇلغان ۋاقتى :1980-يىلى

مەكتەپ تىپى :پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

4پارچەشىنجاڭ سۇ ئېلېكتر مەكتىپىشىنجاڭ سۇ قۇرۇلۇشى سۇ ئېلېكتر ئىشلىرى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەيدىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم بولۇپ، 1980-يىلى قۇرۇلغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ، ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىگە تەۋە. 1987-يىلى خېخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سىرتتىن ئوقۇتۇش پونكىتى بۇ مەكتەپتە قۇرۇلغان. 1990-يىلى سۇ ئىشلىرى نازارىتى ئوخشاش بىر ئورۇندىكى شىنجاڭ ئېلېكتر تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، خېخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇتۇش مەركىزى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، سۇ ئېلېكتر مەكتىپى قىلىپ قايتا تەشكىللىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ يەنە نەنچاڭ سۇ ئىشلىرى ئالىي تېخنىكومى ۋە داليەن سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ باشقۇرۇپ، چوڭلار ئالىي تېخنىكومى ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇش ۋە سىرتتىن ئوقۇش سىنىپلىرىنى ئاچقان. 1994-يىلى ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم قىلىپ بېكىتىلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپ ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى سىرتتىن ئوقۇش، خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇش مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىنى ئېچىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشتەك مائارىپ يولىدا ئاكتىپ ئىزدىنىپ ھازىرقى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەلىمىلىك مەكتەپ ۋەزىيىتىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرگەن. 1992-يىلدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز ھالدا سۇ تۇپراقنى ساقلاش، سۇ ئىشلىرى قۇرۇلۇشى، ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ توك كۈچى ئۈسكۈنىلىرى، يېزا-بازارلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق توققۇز خىل كەسىپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 151795 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغىنى 34196 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ ئىچىدە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سىتېمىسى ۋە مەكتەپ تورى قۇرۇلغان. سۇ قۇرۇلۇشى، توپا قۇرۇلۇشى، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، ئېلېكترون قاتارلىق ھەرخىل ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان تەجرىبىخانا ۋە پراكتىكا زاۋۇتى بار. مەكتەپ شتاتى 237.1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 116 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1455 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان 5063 نەپەر ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلىگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏