چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بالىلار بايرىمى ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزۈلدىغان بايرام بۇلۇپ، بۇ دۇنيادىكى ھەممە بالىلارنىڭ ئورتاق بايرىمى. بالىلار بايرىمى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل باللىرىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەربىيلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان، بالىلارنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارشى تۇرىدىغان بايرام.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بالىلار بايرىمى

خەنزۇچە نامى :国际儿童节

باشقا نامى :خەلقئارا بالىلار بايرىمى

ۋاقتى :ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى

چەتئەلچە نامى :International Children's Day

بايرام تىپى :دۇنيا بايرام كۈنى

بايرام كېلىپ چىقىشى :ئاپپارات تەسىس قىلغان

بايرام ئەھمىيىتى :دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بالىلار ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش

تەسىسى قىلغان رايون :موسكۋا

تەسىس قىلغان ۋاقىت :1949-يىلى 11-ئاي

بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى 

8پارچەخەلقئارا بالىلار بايرىمىخەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەسىس قىلىش، بالىلارنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىر قېتىم قىرغىنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ لىدىتسې پاجىئەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.1942-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، گېرمانىيە فاشىستلىرى چېخنىڭ لىدىتسې كەنتىدە 16 ياشتىن يۇقىرى 140 نەچچە ئەر پۇقرالار ۋە بارلىق بوۋاق ھەمدە ئاياللار بىلەن 90 بالىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. كەنتتىكى ئۆيلەرنىڭ، ئىمارەتنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ كەتتى، ساپساق بىر كەنت شۇنداق قىلىپ ، گېرمانىيە فاشىستلىرى تەرىپىدىن نابۇت بولۇپ كەتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىقتىسادىي كاساتچىلىق، نەچچە ئون مىڭلىغان ئىشچىلارنىڭ ئىشسىز قېلىشى، يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرۈشى، بالىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ بەتتەر ئىدى، بەزى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى؛ بەزىلىرى بولسا نائىلاج بالا ئىشچى بولغان، قاتتىق ئازاب چېكىش، تۇرمۇش ۋە ھاياتلىق كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان. لىدىتسې پاجىئەسى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە ئۇرۇشتا قۇربان بولغان بالىلار، خورلاپ ئۆلتۈرۈلۈشكە قارشى تۇرۇش ۋە بالىلارنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈشكە ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگگ قلىش ئۈچۈن، 1949 -يىلى 11-ئايدا، خەلقئارا دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەش يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى غەزەپ بىلەن پاش قىلدى، جاھانگىر ئۇنسۇرلار ۋە ھەرقايسى ئەللەر ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق، بالىلارنى زەھەرلەش، ئۇلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بالىلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساقلىقنى ساقلاش ھوقۇقى ۋە تەربىيلىنىش ھوقۇقى، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى : ھەر يىلى 6 -ئاينىڭ 1- كۈنىنى خەلقئارا بالىلار بايرىمى قىلىپ بىكىتتى. ئەينى چاغدا نۇرغۇن دۆلەتلەر قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بولۇپمۇ سوتسىيالىستىك دۆلەت. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏