چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز پېداگوگىكا مەكتىپى ئاساسىدا 1945-يىلى قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا قۇرۇلغان. 1948-يىلى قومۇل تولۇقسىز پېداگوگىكا مەكتىپى تارقىتىۋېتىلىپ، قۇمۇل مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى قۇرۇلغان. 1949-يىلى قۇمۇل تولۇقسىز پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1955-يىلى ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

خەنزۇچە نامى :新疆哈密地区第一中学

قۇرۇلغان ۋاقتى :1945-يىلى

ئايرىمىسى :ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ

مەكتەپ تۈرى :ئوتتۇرا مەكتەپ

ئورنى :شىنجاڭ قۇمۇل ۋىلايىتى شەھەر ئىچىدە

مەكتەپ ھەققىدە

قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1ئوتتۇرا مەكتەپقۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا قۇمۇل رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ،  1945-يىلى قۇرۇلغان. مەكتەپ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 39 مىڭ 960 كىۋادرات مېتىر، مەكتەپ قۇرۇلۇش كۆلىمى 14 مىڭ 456 كۋادرات مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 3 كورپۇس، ئۇنىۋېرسال بىنا، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، ۋاسكىتبول مەيدانى تۆت، ئۈچ ۋالىبول مەيدانى، سىرتقى تىكتاك توپ شىرەسى ئالتە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەخسۇس چېنىقىش ئۆيى بىر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبىخانسى ئالتە، مىكرو كومپيۇتېرخانا ئۈچ ، مەكتەپ ئىچىدە ھەممىسى كومپيۇتېر ئۇلاش سۈنئىي ھەمراھ قوبۇل قىلىش، يىراق مۇساپىلىك مائارىپ، مەكتەپ تورى قۇرۇلغان، مەكتەپ ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە مەكتەپ تور بېكىتى بار. كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش بار، گۈزەل سەنئەت بۆلۈمى، مۇزىكىخانا، ئۇسسۇل ئۆيى، تازىلىقخانا يەنە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار قىرائەتخانىسى، 18323 كىتاب يىغىپ ساقلاقلىق.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏