چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1958-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ «1-ئىيۇل» پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۈرۈمچى توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتپىنى قۇرۇپ، پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى ۋە ماشىنا توقۇمىچىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى كەسپىي تەسىس قىلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى

خەنزۇچە نامى :新疆纺织工业学校

قۇرۇلغان ۋاقتى :1958-يىلى 9-ئاي

مەكتەپ تۈرى :ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ كارخانا تىزىملىكى

ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شىمالىي بەش يۇلتۇز يولى 23 - نومۇر

مەكتەپ مۇدىرى :تىياۋ لى

توربېكىتى :http://www.11467.com/wulumuqi/co/35537.htm

تارىخى تەرەققىياتى

1958-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ «1-ئىيۇل» پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۈرۈمچى توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتپىنى قۇرۇپ، پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى ۋە ماشىنا توقۇمىچىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى كەسپىي تەسىس قىلغان. 1959-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچى پاختا توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى يېنىك سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. شۇ يىلى شېكەر ئىشلەپچىقىرى كەسپىي تەسىس قىلغان ھەم تۇنجى قېتىم مىللىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1960-يىلى 2 ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق سانائەت ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1962-يىلى 10-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق يېنىك سانائەت نازارىتى ئەسلىدىكى توقۇمىچىلىق، يېنىك سانائەت، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئۈچ ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ يېنىك سانائەت مەكتىپىنى قۇرۇشنى قارار قىلغان ۋە ئۈچ مەكتەپتىن 51 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىنى ئېلىپ قالغان. مەكتەپ ئورنى شىخەنزىدە تەسىس قىلىنغان. 1964-يىلى كۈزدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەچكە، ياتاق بىناسى قۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان، لېكىن شىخەنزە شەھىرى ياتاق ئەسلىھەلىرىنى سالىدىغانغا ئورۇن بىلەن تەمىنلىمىگەچكە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1967-يىلى 7-ئايدا مەكتەپ قايتا ئۈرۈمچىگە كۆچۈرۈلگەن. بىر قانچە قېتىم كۆچكەندىن كېيىن ئۈرۈمچى كازىۋەندە يېڭىدىن مەكتەپ قۇرغان. 1966-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زەربىسىدە مەكتەپ دەرس توختاتقان. قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى مەكتەپكە كىرەلمىگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئالتە يىلدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماي، 1973-يىلغا كەلگەندە ئاندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، 1976-يىلى خىمىيە سانائىتى مەكتىپىنى قايتا قۇرۇپ، كازىۋەندىكى مەكتەپنى خىمىيە سانائەت مەكتەپىگە ئوتكۇزۇپ بەرگەن. شىنجاڭ يىنىك سانائەت مەكتىپى ئۇرۇمچى بەش يۇلتۇز يولى 23 نۇمۇردا قايتىدىن قۇرولغان 1981. يىلى 1. ئايدا شىنجاڭ يىنىك سانائەت نازارىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ يېنىك سانائەت مەكتىپى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ باشقۇرغان. 1982-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ يېنىك سانائەت مەكتىپى (شىنجاڭ يېنىك سانائەت نازارىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق سانائەت ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1983 يىلى 8-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1993-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بىلەن شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى بىرلىشىپ، مەكتەپ قۇرۇلمىسىدا بىر يۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۈچ خىل ۋىۋىسكا شەكىللەنگەن. ) شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى) . 1996-يىلى 6-ئايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم قىلىپ بېكىتىلگەن. 1998-يىلى 3-ئايدا مەملىكەتلىك توقۇمىچىلىق مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن توقۇمىچىلىق كەسپىدىكى مىنىستىر دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم دەپ بېكىتىلگەن. 1999-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 52540 كۋادرات مېتىر. بۇ مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر توقۇمىچىلىق ئوتتۇرا تېخنىكومى ھېسابلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏