چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگو خەلق بانكىسى مەخسۇس مەركىزىي بانكىلىق فۇنكسىيە يۈرگۈزىدىغان، گوۋۇيۈەننىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشى ۋە باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت ئورگىنىدۇر. باشقا كەسپىي بانكىلار ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن كەسپىي جەھەتتە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭگو خەلق بانكىسى

خەنزۇچە نامى :中国人民银行

چەتئەلچە نامى :THE PEOPLE'S BANK OF CHINA

باش ئورنى :بېيجىڭ

قۇرۇلغان ۋاقتى :1948-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

تىجارەت دائىرىسى :خەلق پۇلى

ئورۇن خاراكتېرى :دۆلەت ئىدارىلىرى

قارمىقى :جۇڭگو گوۋۇيۈەن

تور بېكىتى :http://www.pbc.gov.cn/

بانكا ھەققىدە 

5پارچەجۇڭگو خەلق بانكىسىجۇڭگو خەلق بانكىسى 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان. ئەينى چاغدا باش ئورگىنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شجياجۇاڭ شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. جۇڭگو خەلق بانكىسى پۈتۈن مەملىكەتكە بىرلىككە كەلگەن پۇل تارقىتىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلىۋاتقان پۇلنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تارقاتقان بولۇپ، باشقا بانكىلار پۇل تارقىتالمايدۇ. جۇڭگو خەلق بانكىسى ھەم پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرىدىغان دۆلەت ئورگىنى، ھەم پۇل مۇئامىلە پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان ئىقتىسادىي تەشكىلات. 1979-يىلىدىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۈرلۈك كەسپىي بانكىلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەخسۇس مەركىزىي بانكىلىق فۇنكسىيە يۈرگۈزىدىغان بانكىدۇر.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏