چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگو بانكىسى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تاشقى پېرېۋوت كەسپىنى بېجىرىدىغان مەخسۇس بانكا. ئۇ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تاشقى پېرېۋوت كەسپىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ ۋە تىجارەت قىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭگو بانكىسى

خەنزۇچە نامى :中国银行

چەتئەلچە نامى :Bank of China

باش ئورنى :بېيجىڭ فۇشىڭمېن ئىچكى چوڭ كوچىسى 1 - نومۇر

قۇرۇلغان ۋاقتى :1912-يىلى

شىركەت خاراكتېرى :دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مۇستەقىل سودا بانكىسى

تور بېكىتى :http://www.boc.cn/

تارىخى 

3پارچەجۇڭگو بانكىسىجۇڭگو خەلق بانكىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تەكتى چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا قۇرۇلغان بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى بانكىسى. 1912-يىلى جۇڭگو بانكىسىغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر بىرلىشىپ باشقۇرغان. 1928-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا پۇل پېرېۋوت بانكىسىغا ئايلانغان. 1949-يىلى جۇڭگو بانكىسىنى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، باش ئورگىنىنى شاڭخەيدىن بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. 1953-يىلى گوۋۇيۈەن «جۇڭگو بانكىسى نىزامى» نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بانكىسىنى دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت كەسپىي بانكىسى قىلىپ بەلگىلىدى. 1979-يىلى گوۋۇيۈەن جۇڭگو بانكىسىنى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق بانكا قىلىپ تەستىقلىدى. 1983-يىلى گوۋۇيۈەنگە قاراشلىق ئىدارە دەرىجىلىك ئىقتىسادىي گەۋدە قىلىپ ئۆزگەرتىلدى ۋە كەسپىي جەھەتتە مەركىزىي بانكا بولغان جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش بەلگىلەندى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏