چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ مەكتەپ 1965-يىلى ئالتاينىڭ خۇڭدەن يېزىسىدا قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا يېرىم تېرىقچىلىق، يېرىم ئوقۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئالتاي تېرىقچىلىق پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ ئاتالغان. 1972-يىلىنىڭ بېشىدا ئالتاي ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ رەسمىي نام بېرىلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئالتاي ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى

خەنزۇچە نامى :阿勒泰地区师范学校

قۇرۇلغان ۋاقتى :1965-يىلى

مەكتەپ ھەققىدە 

ئالتاي ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىبۇ مەكتەپ 1965-يىلى ئالتاينىڭ خۇڭدەن يېزىسىدا قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا يېرىم تېرىقچىلىق، يېرىم ئوقۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئالتاي تېرىقچىلىق پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ ئاتالغان. 1972-يىلىنىڭ بېشىدا ئالتاي ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ رەسمىي نام بېرىلگەن. پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمى يۇلغا قويۇلغان. 1985-يىلى بۇ مەكتەپ ئالتاي شەھەرلىك جىن شەن شىمالىي يولغا كۆچۈپ كەلگەن. 1984-1991-يىللىرى ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى، شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالتاي شۆبە مەكتىپى بۇ مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ بىر يۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ئۈچ خىل ۋىۋىسكا شەكىللەنگەن ھەم ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەربىيىلەشنى ھەم باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەربىيىلەش ۋە ئوقۇش تارىخىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. 1997-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك ئورۇن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىس-تۈتەكسىز مەكتەپ دەپ نام بېرىلگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏