چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۈرۈمچىنىڭ مەنزىرە نوقتىسى بولغان بۇلاقتاغ مەنزىرە رايونى _ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۇزۇنلۇقى مىڭ مېتىر كېلىدىغان تار، ئوزۇن تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بۇلاقتاغ مەنزىرە رايونى

باشقا نامى :شۈيموگۇ مەنزىرە رايونى

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

تەۋە رايون :شىنجاڭ ئۈرۈمچى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش  

8پارچەبۇلاقتاغ مەنزىرە رايونى بۇلاقتاغ مەنزىرە رايونى مەنزىرىسى گۈزەل بولغان سۈزۈك بولاق، سۇ مۇنارى، ھەسەن-ھۈسەن كۆۋرۈكى، ئارشاڭ تېغىدىن ئىبارەت تۆت تاغ جىلغىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەجنۇنتاللار سايە تاشلىغان، رەڭگا-رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن، بۈك - باراقسان مەنزىرىسى سىزنى تەبىئەتنىك گۈزەللىكلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندۇرىدۇ. جىلغا ئىچىدە چوڭ-كىچىك نەچچە ئون بۇلاقتىن توختىماي ئېتىلىپ چىقىدىغان سۈزۈك سۇلار يىغىلىپ ئېرىق ھاسىل قىلغان بولۇپ، پىژغىرىم ياز كۈنلىرىدە، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلار ئايىغى ئۈزۈلمەي كىلىپ- كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەرگە سالقىن، ئارامبەخش ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ. قىش كىلىشى بىلەن، جىلغا سىرتىدىكى دەريا سۈيى مۇز بولۇپ قاتىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى بولاقلاردىن ھارارەتلىك سۇلار توختىماي ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏