چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇيغۇر تارىخ ئالىمى-جيەن بوزەن 1898-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئىسمى :جيەن بوزەن

خەنزۇچە ئىسمى :翦伯赞

تۇغۇلغان ۋاقتى :1898-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :ئۇيغۇر

تۇغۇلغان جايى :خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيسى

كەسپى :تارىخشۇناس پىداگوگ

كىرىش سۆز

 ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغاندا، كىشلەر تەبىئيلا مەملىكىتمىزنىڭ غەربى شىمالىدىكى  شىنجاڭ نى ئېسىگە ئالىدۇ. دەرۋەقە، شىنجاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ئاپىرىدە بولغان جاي. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيسىدە توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن خۇنەن ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ %95 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلدۇ. خۇنەن ئۇيغۇرلىرى خۇنەندىكى تارىخى ئۇزاق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان ئەمگەكچان، باتۇر خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ۋەتىنمىزنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆزلىرنىڭ ئەقىل پاراسىتنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرنىڭ ئۈمۈدۋار، ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يەرلىك مىللەتلەرمەدەنىيتىنىڭ جەۋھىرنى قوبۇل قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلدى. خۇنەن - يېڭى جۇڭگونى قۇرغۇچى 1- ئەۋلاد ئۇلۇغ رەھبەر ماۋزېدۇڭ تۇغۇلغان يۇرت. بۇ يۇرتتا يەنە لىيۇشياۋچى، پېڭ دېخۇەي، خې لۇڭ قاتارلىق بىرئەۋلاد پىرولتارىيات ئىنقىلابچىلىرى، يېتۈك سىياسىيون ۋە ھەربىي گېنىراللار دۇنياغا كەلگەن جاي. بۇ جاي مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ماركىسىزمچىلىرىدىن بېرى، جۇڭگو ماركىسىىزمچىلىق تارىخشۇناسلىق سېستىمىسنى شەكىللەندۈرگەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئاتاقلىق تارىخچى ئالىم جىيەن بوزەننى ئۆستۈرگەن زېمىن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏