چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۆرتالا شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 1951-يىلى بۆرتالا شەھىرى گولمۇتۇ يولى 53-نومۇرلۇق قورۇدا قۇرۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بۆرتالا شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ

خەنزچە نامى :博乐市第一小学

قۇرۇلغان ۋاقتى :1951-يىلى

مەكتەپ تۈرى :باشلانغۇچ مەكتەپ

مەكتەپ ھەققىدە

1951-يىلى بۆرتالا شەھىرى گولمۇتۇ يولى 53-نومۇرلۇق قورۇدا قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30228 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 10985 كۋادرات مېتىر. بۇ مەكتەپ «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مەدەنىيەتلىك بولۇش، ئىتتىپاق بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش » دېگەن مەكتەپ ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغان. 1998-يىلى بۆرتالا شەھەرلىك ساپا مائارىپىدىكى سىناق نۇقتا مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا 27 دەرستىن سىرتقى پائالىيەت كۇرژۇكى قۇرغان. 1998-يىلى 8-ئايدا ئەخلاق تەربىيە باشقارمىسى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى باشقۇرغان. بۇ مەكتەپ بۇرۇن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئائىلە باشلىقى مەكتىپى بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلدىكى ئوقۇتۇش سىنىپى 36، تەييارلىق سىنىپ بەش، ئوقۇغۇچى سانى 2251 نەپەر، رەسمىي ئوقۇتقۇچىسى 96 نەپەر.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏