چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئومۇمىيلىققا ئىگە ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلات. ئۇ 1945-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باش شتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا تەسىس قىلىنغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

خەنزۇچە نامى :联合国组织

قىسقارتىلغان نامى :ب د ت

ئاساسىي نىزامچىلار ئىمزا قويغان كۈنى :1945-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى

ب د ت كۈنى :10-ئاينىڭ 24-كۈنى

باش شىتابى :ئامېرىكا نيۇيورك

توربېكىتى :http://www.un.org/

قۇرۇلغان ۋاقتى :1945-يىلى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىكىلاتىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىكىلاتى 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسىمىي قۇرۇلغان بولۇپ ،بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ نوپۇزلۇق ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتى ، ئۇنىڭ باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق ئالتە چوڭ ئاساسلىق ئاپپارات بىلەن باشقا نۇرغۇن قوشۇمچە كومىتېت ۋە تەشكىلاتلاردىن تۈزۈلگەن .20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن بۇيان ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۈگۈنكى خەلقئارا جەمىئىيەتتە ھەر قايسى جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىماقتا . بىرىنچىدىن ، ئۇ قىسمەن ئۇرۇشلارنى ئازايتتى ۋە دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى ، « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىكىلاتى نىزامنامىسىدا » دە بېكىتىلگەن يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مىزانى ، شۇنداقلا تىنىچلىق قوغداش ھەرىكىتى قاتارلىق توقۇنۇشلارنى توسۇش ۋە پەسەيتىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى ؛ ئىككىنچىدىن ، ئۇ مۇستەنلىكە تۈزۈمىنى يىلتىزدىن قۇمۇرۇپ تاشلىدى ؛ ئۈچىنچىدىن ، ئىقتىساد ۋە جەمىئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ؛ تۆتىنچىدىن ، خەلقئارا قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈردى . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رىياسەتچىلىكىدە ئېلان قىلىنغان ھەر تۈرلۈك شەرتنامىنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپەيدى.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏