چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىناۋەتلىك كارتا، يەنە قەرىز كارتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بىر خىل نەق پۇل بولمىغان (غەيرى نەق پۇل )سودىدىكى پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ، ئاددىي بولغان كرېدىت مۇلازىمەت ئادەتتە ئىناۋەتلىك كارتا ئۇزۇنلىقى 85.60 مېللىمېتىر ، كەڭلىكى 53.98 مېللىمېتىر ،قېلىنلىقى 1مېللىمېتىر بولغان ئىستىمال ئىناۋىتىگە ئىگەبولغان ئالاھىدە ياسالغان كارتا ، بانكا شەخىسلەر ۋە ئىدارىلەرگە تارقىتىدۇ ، ئىستىمال ۋە بانكىغا پۇل قويۇش ۋە پۇل ئېلىش ئىشلىرىنى قىلغىلى بولىدۇ ، ئۇنىڭ شەكلى ئالدى يۈزىدە كارتىنى تارقاتقان بانكىنىڭ ئىسمى ،ئۈنۈملۈك ۋاقتى ،نومۇرى ، كارتىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىسمى قاتارلىقلار بولىدۇ ، كەينى يۈزىدە ماگنىت يوللىقى ۋە ئىمزا چۈشىدىىغان يوللىقى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئناۋەتلىك كارتا

خەنزۇچە نامى :信用卡

تۈرى :قەرز كارتىسى ۋە تەييارلاپ قويۇلغان قەرز كارتىسى

پۇل تۆلەش شەكلى :غەيرى نەق پۇل شەكلى

بارلىققا كەلگەن ۋاقتى :19 -–ئەسىرنىڭ ئاخىرى

    مەھسۇلاتنىڭ بارلىققا كېلىشى 

ئەڭ دەسلەپ ئىناۋەت كارتىسى 19 –ئەسىرنىڭ ئاخىرى بارلىققا كەلگەن، 19- ئەسىرىنىڭ 80- يىللىرى ئەنگىلىيە كىيىم –كېچەك كارخانىسى ئىناۋەت كارتىسىنى ئىشلەتكەن كېيىن  ،ساياھەت، سودا تارماقلىرىمۇ بۇ ئېقىمغا ئەگەشكەن 

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 20 –ئەسىردىكى 50– يىللىرىدىن بىر كۈنى ، ئامېرىكىلىق سودىگەر، مانخاتتان  كرېدىتى مۇتەخەسسىسى نىيۇيورۇكتا مېھمانلار بىلەن غىزالىنىپ ، تاماقتىن كېيىن پورتمالنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان ئامالسىز ئايالىغا تېلفۇن قىلىپ پۇل ئەكەلدۈرپ ھېسابات قىلغان ،بۇ ئىشتىن قاتتىق ئوڭايسىزلانغان،  شۇنىڭ بىلەن ئىناۋەت كارتا شىركىتى قۇرۇش خىيالىغا كېلىدۇ، 1950– يىلى ئەتىيازدا ، ئۇ يېقىن دوستى بىلەن  ھەمكارلىشپ 10 مىڭ ئامرېكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ  ،  نيۇيوركتىكتا «دالەي كۇلۇبى » نى قۇرۇپ چىقتى، بۇ كۇلۇپ ئەزالارنى بىر خىل سلاھىيەت ۋە چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلايدىغان كارتا بىلەن تەمىنلىگەن ، ئەزالار مۇشۇ كارتا ئارقىلىق 27 تاماقخانىلاردا ھېساباتقا يېىزپ قويۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ ،نەق پۇل تۆلىشىنىڭ ئورنى يوق،بۇ ئەڭ دەسلەپكى ئناۋەتلىك كارتا .بۇ خىل بانكىنىڭ بېجىرىشى ھاجەتسىز بولغان ئىناۋەتلىك كارتا خارەكتىرى جەھەتتىن سودا ئىناۋەت كارتىسىغا تەۋە.

1952-يىلى، ئامېرىكا  كالىفورنىيە شىتاتى  فرانكلىن خەلقى بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى  بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدى بىلەن بانكا ئىناۋەت كارتىسىنى تارقىتىپ، بىرىنچى ئىناۋەتلىك كارتا تارقاتقان بانكا بولۇپ قالغان.

 پۇل مۇئامىلە  كرىزىسى ھەمدە  دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى داۋالغۇشتىن  كېيىن ، ئېلىمىزنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا  بازىرى، 2010-يىلى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى ، 2010-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، دۆلەت ئىچى ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ تارقىلىش ئومۇمىي مىقدارى 2 مىليون دانىنى بۆسۈپ ئۆتكەن .ئىناۋەت كارتا ئىستىمالى ئىجتىمائى ئىستىمال ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى بارغانسىرى ئاشماقتا .

جۇڭگو ئىناۋەت كارتا بازىرى  جۇڭگو شەخىسلەر پۇل – مۇئامىلە مۇلازىمەت بازىرى ئىچىدە  ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ تېز بولغان  مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى ، گەرچە كەسىپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تولغان خىرىسلارغا تولغان بولسىمۇ  ، بىراق كۆلەملىك ئۈنۈم ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ چىقىمىنىڭ  ئېشىشىى ئىلگىرى سۈرۈلۈشكە ئەگىشىپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلىغىچە جۇڭگو  ئىناۋەت كارتىسى تارقىتىلىش مىقدارىنىڭ  يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىشى 14% ئەتراپىدا بولىدۇ ، پايدا ئەھۋالىمۇ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ، ، 2020 –- يىلىغا كەلگەندە ، جۇڭگو ئىناۋەت كارتىسىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى  مىقدارى 800 مېليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن .

 ئىناۋەتلىك كارتىنى  بانكا ياكى ئىناۋەت كارتا شىركىتى ئىستىمالچىلارنىڭ  ئىناۋەت دەرىجىسى ۋە مالىيە ئىقتىدارىغا ئاساسەن كارتا ئىشلەتكۈچىلەرگە تارقىتىدۇ ، كارتا ئىشلەتكۈچى ئىناۋەت كارتىسىنى ئىشلەتكەندە نەق پۇل تۆلىشىنىڭ زۆرۈريىتى يوق .  

 ئىناۋەتلىك كارتا  قەرز كارتىسى ۋە قەرزىگە تەييارلاپ قويۇلغان قەرز  كارتىسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ ،قەرز كارتىسى  بولسا بانكا تارقاتقان ، ھەمدە  كارتا ئىشلەتكۈچىلەرگە بەلگىلىك ئىناۋەت سومما دەرىجىسى بېرىدىغان ،كارتا ئىشلەتكۈچى ئىناۋەت سوممىسى ئىچىدە ئاۋال ئىستىمال قىلىپ كېيىن پۇل تۆلەيدىغان كارتا ؛ قەرزگە تەييارلاپ قويۇلغان كارتا بولسا  بانكا ا تارقاتقان ، كارتا ئىشلەتكۈچى تەلەپكە ئاساسەن بەلگىلىك سوممىدىكى  زاپاس پۇلنى تاپشۇرىدىغان تەلىپىگە ئاساسەن ، زاپاس پۇل  يېتىشمىگەن ئەھۋالدا  بەلگىلى ئىناۋەت سومما دەرىجىسى ئىچىدە قالدۇق سوممىدىن ئاشۇرۇپ چەك كېسىپ بېرىدىغان  قەرزگە تەييارلانغان كارتا ، شۇڭا ئىناۋەتلىك كارتا دېگىنىمىز ،ئادەتتە قەرز كارتىسىنى كۆرسىتىدۇ .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏